شى جىنپىڭ : كادىرلار ئەخلاقلىق ۋە پاك بۇلىشى كېرەك

ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .باش شۇجى دۆلەت رەئىسى مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خېنەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە ،مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمىدى .مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرلەشتىن ئىبارەت خىزمەت قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ ،مۇقىم ئاشۇرۇش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش ، قۇرۇلما تەڭشەش ،خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ، خىيىمخەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى داۋالىق ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ ،ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ،ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ،پىكىر يولىنى يېڭىلاپ بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ ،ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

 

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر جاي ، شى جىنپىڭ 9-مايدىن 10-مايغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو گېڭ ماۋ ,ئۆلكە باشلىقى شىيې فىڭجىيەننىڭ ھەمراھلىقىدا ،كەيفىڭ ،جىڭجۇ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ ، يېزا كەنت كارخانىلار .ۋە مال ئوبوروت مەركىزى ، خەلقئارا دوستلۇققا چوڭقۇر چۆكۈش ،ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئاساسلىق قاتلامدىكى ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى .

 

شىن جىنپىڭ 9-ماي چۈشتىن بۇرۇن نەنكاڭ ناھىيىلىك دائىمىي پارتكوم بەنزىسىنىڭ تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيتى مەخسۇس دېموكراتىك يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلغاندىن كېيىن ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن لى شى ناھىيىسىنىڭ مەلۇم بىر بازىرىدا كەنت كادىرلىرى ۋە دېھقانلار ۋەكىلى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ، ئاساس قاتلام كادىرلىرىنىڭ پىكىر تەكلىپنى ئاڭلىدى . 4 يېزا بازاردىن كەلگەن بەش يولداش ئىستىلنى ياخشىلاشقا بولغان تونۇشىنى ۋە تەسىراتىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا بايان قىلىپ بەردى . شى جىنپىڭ پات -پات ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى . ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلار بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاش ،دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ كونكرېت تەدبىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى .

 

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :ئىستىلنى چىڭ تۇتۇش ،تۆت خاھىشىغا قارشى تۇرۇشتا مەركەزنىڭ ھەرىكەت بەلگىلىمىسى بار ، ئەمما چوقۇم تۈرلەرنى ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش ، يۇقىرى تۆۋەننى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك كېرەك ،يۇقىرى بىلەن تۆۋەن باغلانغاندا ئىشلار ئۇتۇقلۇق بولىدۇ . يېزا بازارلار ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ ،ئىستىلنى ياخشىلاش بىلەن پارتىيلىكنى كۈچەيتىشنى بىرلەشتۈرۈشى ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش بىلەن ، ئاممىۋىي خىزمەت ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشى ، تەرەققىياتنى تۇتۇش بىلەن پارتىيە تەرەققىياتىنى تۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك ، ئاممىغا ئەمەلىي بۇلۇش ۋە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كېرەك ، ھەم ئەمەلىي ئىش قىلىش جەريانىدا ئاممىغا تەشۋىق قىلىش ،ئاممىنى تەشكىللەش ،ئاممىنى تەشكىللەش جەريانىغا كادىرلار پاك ئادىل بۇلۇش ،پاكىز ئىش قىلىش ئامما ئارىسىدا ياخشى ئوبراز تىكلەش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك ، تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ،رەھبەرلەر بىلەن ئامما ئۆز ئارا تۈرتكە بۇلۇش ،كۈچلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك ، شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىدىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ،ئۈستىگە ئالغان خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى تاپىلىدى .

 

 

9-ماي چۈشتىن كېيىن ،شى جىنپىڭ يەنە كەيفېڭ شەھرى لى شى ناھىيىسى جياڭشى بازىرىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاشلىق ئۇنۋېرسال تەرەققىياتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى كۆز دىن كەچۈردى ،بۇ يەر بۇغداي تېرىش بازىسى بۇلۇپ ،مايسىلار پۇرىقى پۇراپ تۇراتتى ، گۈزەل كۆرۈنۈش كىشىنى خوشال قىلاتتى ،شى جىنپىڭ ئېتىزغا كىرىپ بۇغداي باشاقلىرىنىڭ دان تۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ،يېزا ئىگىلىك مەسئۇل كىشىلىرىدىن مەھسۇلات مىقدارى ھەققىدىكى مۆلچەرنى سورىدى ،دېھقانلاردىن ئېتىز پەرۋىشىنى سورىدى ،بىر مو يەردىكى باشاق سانى ، باشاقنىڭ دان تۇتۇش سانى قاتارلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى ، بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن نەچچە مىليون جىڭ ئاشلىق چىقىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى خوشال بولدى . بۇ ئۇنۋېرسال تېخنىكا تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ . تىرىشىپ يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى تاپىلىدى .


شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ‹ ئاشلىق بىخەتەرلىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم ئاساسى ،ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت چوقۇم چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك ،. خېنەننىڭ يېزا نوپۇسى كۆپ ، خىزمەتتە ۋەزىپە ئېغىر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت ئەۋزەللىكىنى كونا ماركىنى ھەرقانداق چاغدا قولدىن بەرمەسلىك كېرەك . مەۋقەنى مەملىكەت ت بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت نىشانغا قارىتىپ ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىدا يېڭى يول ، يېڭى بوشلۇق ئېچىپ ،يېڭى ئەۋزەللىك بەرپا قىلىش كېرەك .ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا تېرىلغۇ يەر ئاساس ،سۇ جان تۇمۇر . پەن -تېخنىكا چىقىش يولى ، سىياسەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ، شۇڭا بۇ مۇھىم نۇقتىلارنى بىرمۇ بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ،يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشتا يېڭى بۆسۈشلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك .

 

ئائىلىۋى تىجارەت بىلەن كۆلەملىك تىجارەتنى بىرلەشتۈرۈپ ، يەر ئوبوروتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ ، يېزا -ئىگىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىش كېرەك . شى جىنپىڭ سودا ئوبوروتى بىلەن كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى . ئۇ 5-ئاينىڭ 10 كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، جىڭجۇنىڭ چېگرا ھالقىغان سودا ئېلېكترون مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى ، جىڭجۇ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ،جۇڭگو تۆمۈر يول زاپچاسلىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولدى.كۆرگەزمىلىرىنى كۆردى ،تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ،سېخلارغا كىردى ئالاقىدار ئەھۋالنى سورىدى.شى جىنپىڭ جىڭجۇ شەھىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكترون مۇلازىمىتىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان تۈرلەر يولغا قۇيۇلۇپ ،بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا سودىنى دۇنيادىكى13شەھەرگە يۈزلەندۈرۈش، سودا ئىمپورت ئېكسپورت قىممىتىنى13مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇش ،يۈز مىلياردتىن ئارتۇق كارخانىنى مال بىلەن تەمىنلەشتەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ ،خىزمەتچىلەر بىلەن بىرمۇ -بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.مال يۈرۈشتۈرۈش ،ئوراپ قاچىلاش ،تاموژنىدىن ئۆتۈش تەرتىپىنى كۆردى .ھەمدە بۇلارنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە ئىلھام بەردى.

 

شى جىنپىڭ جىڭجۇ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى توپلاشقان تۆمۈر يول ،تاشيول ،ئاۋىئاتسىيە،دېڭىز پورتىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش ،دۆلەت تۆمۈر يولىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك پورت ،كۆپ خىل ئۇلاپ توشۇش مۇلازىمەت مەركىزى ،جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز يۈك تاق پورت مەركىزى ،ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۇچۇر ئوبوروت مەركىزى بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،ئۇلارنىڭ چېگرا ئىچى سىرتىغا تۇتاشقان ،شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە غەربكە تۇتاشقان ئەشيا ئوبۇرۇت مەركىزىنى قۇرۇپ ،يىپەك يولى ئىقتىسادىغا ئىجابىي تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىت قىلدى.

 

ئۇ جىڭجۇ خەلقئارا يۈك ترانسىپورت يۈك پويىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ ،ئىستاستىكا خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ،ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.ئاندىن تونىل قېزىش ماشىنىسىنىڭ85سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قۇراشتۇرۇش سۇپىسىغا چىقىپ قۇراشتۇرۇش ئەھۋالىنى كۆردى .ئۇ نەق مەيداندىكى پەن -تېخنىكا خادىملىرى ۋە خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى.ئۇلارغا پەن تەتقىقاتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ،تونىل قىزىش ماشىنىسى سىستېمىسى ،توپلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدا ئىش ھاسىل قىلغانلىقىدەك ،ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشىنى مۇئەييەنلەشتۈردى .شى جنپىڭ مۇنداق دېدى:‹ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى بىر دۆلەت ياسىمىچىلىقىنىڭ تۈۋرۈكى ،ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقىدا نۇرغۇن يېتەرسىز تەرەپلەر بار.سېلىنمىنى كۆپەيتىپ تەتقىق قىلىپ ،ئېچىشنى كۈچەيتىپ تېخنىكىدا سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلەپ ،ئېلىمىزنىڭ زامانىۋى ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىشىغا تىرىشىش كېرەك. 


بىر جاي بىر كارخانىنىڭ تەرەققىياتى بوغما ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ ،چوقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشتا تۈپ يول يارىتىشتا .مۇھىم ھالقىدا پەن -تېخنىكىغا تايىنىشتا ،كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ،بازارنى يېتەكچى قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئۆگىنىش تەتقىق قىلىش بىرلەشكەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ ،يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ،يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ ،پەن .تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ زىچ بىرلىشىشىنى تېزلىتىش ،ئەۋزەل ساھە ئومۇمىي تېخنىكا ،ھالقىلىق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ،جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنى ،جۇڭگو يارىتىشتا ئايلاندۇرۇش ،جۇڭگو سۈرئىتىنى جۇڭگو سۈپىتىگە ئايلاندۇرۇش ،جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگو كۇرسىغا ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.


 
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
12-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek