مىكروسوفىت بىلەن Insteon ھەمكارلىشىپ 6 - ئايدا ئەقلىي ئائىلە ئۈسكۈنىلىرىنى بازارغا سالماقچى

سۇمۇرۇغ تورى 5 – ئاينىڭ 17 - كۈنىدىكى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى: پەن – تېخنىكا تورىCNET خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىكروسوفىت نەچچە كۈن ئالدىدا، داڭلىق ئەقلىي ئائىلە ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلرىى كارخانىسى Insteon بىلەن ھەمكارلىشىپ، نۆۋەتتە ئالقىشقا ئىرىشىۋاتقان ئائىلەئاپتوماتلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى تورىنى Windows ئىكولوگىيلىك سىستېمىسىغا تولۇق ماسلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ھەمدە كىيىنكى ئايدا بىرلىكتە ئەقلىي ئائىلە ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

 

بۇ تېخنىكا ساھەسىدىكى كاتتا شىركەت مىكروسوفىتنىڭ تۇنجى قېتىم ئەقلىي ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىگە تولۇق قەدەم ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ.

 

 

Insteon كالفۇرنىيە شىتاتى ئىرۋىنە شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ھەقسىز تەمىنلەۋاتقان ئائىلە ئاپتوماتلاشتۇرۇش تورى بىلەن كۆپ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

 

Insteon ئاپتوماتلاشتۇرۇش تورى سىمسىز رادىئو چاستوتىسى بىلەن نۆۋەتتىكى ئېلېكتىر مەنبە سىمىنى زىچ ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، سۈرئىتى تىز، ئىشەنچلىك ۋە قوش چاستوتىلىق كونترول مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن. Insteon مەھسۇلاتىلىرى 200 خىلدىن ئارتۇق سېنزۇر، ۋىكليۇچاتېل، سىن كامىرا ۋە نازارەت قىلىش، ئاپتوماتلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

 

مىكروسوفىتنىڭ بىلدۈرىشىچە، 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلغان Instoen خاس دېتالى WindowsPhone 8 ئۈسكۈنىلىرىگە ، شۇنداقلا Windows 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان تاختىيوتېر ۋە كومپىيوتېرلارغا سەپلىنىدۇ.

 

 

بۇنىڭدىن سىرىت، بۇلتۇر بازارغا سېلىنغان

Insteon Starter Kit سىستېمىسىغا ئوخشاش، ئىشلەتكۈچىلەر ئۇزاققا قالماي LED لامپىسى، Instoen Hub دېتالى ۋە باشقا نادىر كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل ئەقلىي ئائىلە يۈرۈشلۈكلىرىنى مىكروسوفىت پارچە سېتىش ئورۇنلىرىدىن سىتىۋالالايدۇ.

 

 

ئىگەللىنىشىچە، Insteon مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەككە باھاسى 30 دوللاردىن 80 دوللارغىچە ، يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ باشلىنىش باھاسى 199 دوللار ئەتىراپىدا بولىدىكەن. Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسىغا خاس بولغان يېڭى Insteon دېتالى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ھەرىكەتچان يىڭىلانما تىزىملىك ئىقتىدار، دېتالنى قوزغاتقان ھامان ئىكىراندا بارلىق ئۈسكۈنىلەر يېڭىلانما ھالەت ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان.

 

 

Insteon يەنە سىن كامېرا قوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئىكىراندا كۆرۈش ئىقتىدارى، تىز كۆزدىن كەچۈرۈش ئىقتىدارى،ۋە Insteon Hub نى قاچىلىمىغان ئەھۋالدىمۇ سىن كامېرا ئەھۋالىنى كۆرۈش ئىقتىدارى تەمىنلىگەن.

 

 

Insteon يەنە يېڭىدىن "زىيارەتچى" ھالىتى كۆپەيىتكەن بولۇپ، كىچىك بالىلار ۋە مىھمانلارنىڭ سىستېمىغا كىرىشىنى چەكلەشكە بولىدۇ. شۇنداقلا ، Insteon يېڭى نۇسخىسىدا ئەلالاشتۇرۇلغان كونترول تاختىسى تەمىنلەيدۇ، ھەمدە "كۆپ ئۆي" ھالىتى ئارقىلىق، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بىرلا ھېسابات ئۇچۇرى بىلەن بىرقانچە ئۆي ياكى ئورۇننى كونترول قىلىشىغا شارائىت ھازىرلايدۇ.

 

 

گەرچە Insteon ھەرىكەتچان يىڭىلانما تىزىملىك ئىقتىدارىنى پەقەتWindows 8 سېستىمىلقىق ئۈسكۈنىلەرگىلا تەمىنلىگەن بولسىمۇ، بۇ ئىقتىدارنى كېيىنچە Android ۋە IOS سېستىمىلىرىغا كىڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

 

Insteonتەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، 6- ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، ئىچكى قىسىمدا تەۋسىيە قىلىشتىن سىرت، مەھسۇلات كۆرگەزمىسى ۋە ئىشلىتىش قوللانىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغا ن Insteonئۈسكۈنىلرىنى MicrosoftStore.com تورىدا سېتىشقا باشلايدىكەن.



خەتكۈچلەر:
19-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
بېتا تورىنىڭ 27-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     قىسقا ئۇچۇر بىر مەھەل جۇڭگودا ئەڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى بولدى، ئەمما كۆچمە ئىنتېرنېت تورىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈندىدار...
27-05-2016
بېتا تورىنىڭ 27-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     مىكروسوفت بىلەن Facebook مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى ھەمكارلاشقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئىككى شىركەت ئورتاق ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ياۋر...
27-05-2016
    يېقىندا OPPO يېڭى بايراقدار يانفون Find 9 نى ئاشكارىلىغان ، بىراق ئۇنىڭ كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىگە يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ ، خەۋەرگە ئاساسلانغاندا بۇ خىل يېڭى بايراقدار يانفونغا 8GB RAM ئىچكى ساقلىغۇچى سەپلەنگەن بول...
27-05-2016
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرى، ماۋرىتىئۇس ساقچى تەرەپ 25-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا ماۋرىتىئۇسنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى دېڭىز قىرغىقىدا يەنە  بىر قېتىم مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسى 370 نۆۋەتلىك يولۇچىلار ئايرو...
27-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، سامسۇڭ Galaxy C5/C7 نى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ مەخسۇس جۇڭگو بازىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.     تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، Galaxy C5/C7 نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بۇندىن بۇر...
27-05-2016
    شىنخۇا تورى، 25-ماي خەۋىرى. مېيتۇ شىركىتى 13-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 15:0 تە شىيامىن خەلقئارالىق كۆرگەزمە مەركىزىدە مېيتۇ V4s ۋە M6 ئىككى خىل نۇسخىدىكى يېڭى يانفوننى رەسمىي ئېلان قىلىدىكەن. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىس...
27-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. يېقىندا، دۇڭ مېڭجۇ گېلى 2-ئەۋلاد ئەقلىيفونىنى ئېلان قىلدى. گەرچە بۇ ئەقلىيفون دىققەت- ئېتىبارىنى بەكلا تارتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كونكرېت سەپلىمىسى ھەممەيلەنگە نامەلۇم ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئەقل...
27-05-2016
    شياۋمى 5 يان تېلېفونىغا 3D ئەينەكلىك كەينى قاپ ئىشلىتىلگەن يېڭى نەشرى قوشۇلغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 2599 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى نەشرىدىن 100 يۈەن ئەرزان ئىكەن.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، شياۋمى ئاق رەڭلىك يېڭى نەش...
27-05-2016
بوللىۋود فىلىملىرىدىكى ئالاھىدە ئۈنۈم سېلىشتۇرمىسى
27-05-2016
     بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، خۇاۋېي MateBook ناملىق خاتىرە كومپيۇتېر مەھسۇلاتىنى چەتئەلدا تۇنجى قېتىم سىرتقا ئاشكارىلىغاندىن كىيىن، بۇ مەھسۇلات ئىزچىل تۈردە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تا...
Powered by Leglek