ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ئىنتېرنېت ئارقىلىقلا جەنۇبىي دېڭىزغا تاجاۋۇز قىلىشنى ئويلانماستىن، جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك قاراش كېرەك

ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئەتى» قوش ئايلىق ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ 18-ئىيۇندىكى ماقالىسىدا: ئاق خالاتلىق جەڭچى-جۇڭگو باتۇرلۇق بىلەن ئېبولاغا قارشى جەڭ قىلغان يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، خەۋەر كېلىشىمۇ كېتىشىمۇ تېز بولدى، بىزنىڭ دىققىتىمىز داۋاملىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە مەركەزلەشتى دېيىلدى. تاراتقۇلار ئافرىقىدىكى ئېبولا كىرزىسىنى ناھايىتى تېزلا ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندەك قىلىدۇ. بۇ مەسىلە ئۆتكەن يىلى ياز، كۈزدە تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋىرى ئىدى.
جۇڭگونىڭ ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئازادلىق ئارمىيە ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرى بۇنىڭغا قاتناشتى. لېكىن بېيجىڭنىڭ ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىدى. جۇڭگونىڭ ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇشتىكى نەتىجىسىمۇ تۆۋەن بولدى، بۇ بەلكىم بىر مەيدان دۇنياۋى چوڭ يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ مۆلچەردىن تۆۋەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەلكىم جۇڭگو ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇش خەۋىرىنى ھەددىدىن زىيادە خەۋەر قىلىپ دۆلەت ئىچىدە ساراسىمە پەيدا قىلىشتىن ئەندىشە قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل ئەندىشىنى تامامەن چۈشىنىشكە بولىدۇ.
بېيجىڭنىڭ ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئېرىشكەن پايدىسى بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرىكى سارس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىسىدىن كەلگەن. كېسەل كارىۋىتى، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە مۇداپىئەلىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتىن سىرت جۇڭگو يەنە لىبىرىيەگە يۈز كارىۋاتلىق ئېبولا يۇقۇمىدىن ئايرىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى ياساپ بەردى. ئازادلىق ئارمىيەنىڭ 160 دوختۇر سېستراسى بۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق خالاتلىق جەڭچىلەر دەپ ئاتالغان جۇڭگونىڭ ئازادلىق ئارمىيە دوختۇرلىرى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ « غەلىبىلىك جەڭ قىلىش، يۇقۇمنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش» دېگەن يوليورۇقى ئاستىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ، شۇ جايلاردا بىر يۈرۈش خىرىسلار، قايغۇ-ھەسرەتلەر، ۋەھىمە ۋە يۈرىكى ئېچىشىدىغان كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈردى. غەربنىڭ بىر ماقالىسىدا جۇڭگونىڭ ئىپادىسىگە مۇنداق باھا بېرىلدى: كۆزەتكۈچى ئەربابنىڭ بايقىشىچە جۇڭگو ئادەملىرىنى چېكىندۈرمەيلا قالماستىن ئەكسىچە يەنە تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئەۋەتكەن.
يېقىندا ئېبولاغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىن كەلگەن خەۋەرلەر كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، خەۋەردە بىر ئىتالىيەلىك ئەر سېسترا سىررالىئوندا ئېبولا كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ، رېمغا قايتىپ داۋالانغاندا جۇڭگودا ياسالغان يېڭىچە بىر دورىنى ئىچكەندىن كېيىن مۆجىزىلەرچە ساقايغان. يەنە كېلىپ بۇ دورا ئارقىلىق ساقايغان دوختۇرلار ئۇلا ئەمەس ئىكەن.
«نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بۇ ئىشقا گۇمان بىلەن قارىلىپ، بۇنداق جۇڭگوچە دورىلار مەلۇم پاتنىتقا خىلاپ بولۇشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ يېتەرلىك سىناقتىن ئۆتمىگەن دەپ تەكىتلەندى. جۇڭگونىڭ ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇشى ھەققىدە «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» ۋە «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»دە بىرمۇ خەۋەر بېرىلمىدى. ئۇلار جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى باشقا تەرەپلەردىن ئاشكارىلاشقا ئامراقتەك قىلىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتى ۋە ئالىي ئەمەلدارى پات ئارىدا ۋاشىنگتوندا جۇڭگو ئەمەلدارى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتالمىش تور ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىزغا تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى تەسەۋۋۇرنىلا ئويلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈپ چىققانلىقى ھەمدە تەسىر كۈچىنىڭ كېڭيىۋاتقانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇلار جۇڭگونىڭ ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇشىنى ھەمدە يېقىندا سۇدانغا تىنچلىق ساقلاش خادىمى ئەۋەتكەنلىكى، ئادېن قولتۇقىدا دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى، نېپالدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بەرگەنلىكى قاتارلىقلارنىمۇ كۆزدە تۇتۇشى كېرەك.
بۇ تىزىملىكتە گەرچە نۇرغۇن يوچۇقلار بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان مەنپەئەتلەنگۈچى تەرەپكە ئايلانغانلىقى، پۈتۈن دۇنيانى ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
22-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek