پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر ۋاقتى 2:45 ئۆتكەندە ھەممە كۆز تىكىۋاتقان 14-15 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گېرمانىيە بېرلىن ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ئۇدا تۆت پەسىل چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن يۇۋىنتۇس كۇلۇبى بىلەن قايتىدىن ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بارسېلونا كۇلۇبى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئىنىستا ياردەمچى پاس بەردى، راكىتىچ بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا موراتا نومۇرنى تەڭلەشتۈردى. كېيىن سۇئارىز ۋە نېيمار بىردىن توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا بارسېلونا كۇلۇبى 3-1 نەتىجە بىلەن يۇۋىنتۇس كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ 14-15-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 4-مىنۇتتىلا بارسېلونا كۇلۇبى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. نېيمار توپنى كونتىرول قىلغاندىن كېيىن توپنى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىكى ئىنىستاغا بەردى، ئىنىستا قايتۇرما ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك توپنى ۋاراتار ئالدىغىلا تاشلىدى، راكىتىچ توپنى ۋدراتارغا كىرگۈزدى. بارسېلونا كۇلۇبى 1-0 يۇۋىنتۇس كۇلۇبى.
55-مىنۇتتا يۇۋىنتۇس كۇلۇبىدىن موراتا بىر توپ كىرگۈزدى. بارسېلونا كۇلۇبى 1-1 يۇۋىنتۇس كۇلۇبى.
68-مىنۇتتا سۇئارىز بىر توپ كىرگۈزدى. بارسېلونا كۇلۇبى 2-1 يۇۋىنتۇس كۇلۇبى.
قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا نېيمار بىر توپ كىرگۈزدى.
ئاخىرىدا بارسېلونا كۇلۇبى 3-1 نەتىجە بىلەن يۇۋىنتۇس كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشتى.
يۇۋىنتۇس كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-بۇففۇن.
26-چىلىسسىتاننى
19-بونۇچچى
15-بالزالى
33-ئېۋرا.
8-مالجىسىئو
21-پىرلو.
6-بوگبا.
23-بىدال.
10-تېۋىز.
9-موراتا.
بارسېلونا كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-تېلستگېن.
22-ئالۋىس.
3-پىك.
14-ماسچىرانو.
18-ئاربا.
5-بۇسكىس.
4-راكىتىچ.
8-ئىنىستا.
10-مېسسى.
11-نېيمار.
9-سۇئارىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved