ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق كېلىش قارار ماقۇللاشتىن بۇرۇن ئىراقتا IS ئەزالىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان يازىد مىللىتىدىن بولغان قىز نادىيە باتۇرلۇق بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە IS نىڭ قىلمىشلىرىدىن گۇۋاھلىق بەردى، ئۆزىنىڭ IS تەرىپىدىن جىنسىي قۇل قىلىنغان ئۈچ ئايلىق ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشىنى بايان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توردا IS نىڭ يازىد قىزنى بۇلىغان بىر ۋىدىئو كۆرۈنۈشى تارقالدى.
نادىيەنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ بۇلانغاندىن كېيىن IS نىڭ بەدىنى كېلەڭسىز بىر ئەزاسى ئۇنى تاياق تېپىك بىلەن ئۇرغان. نادىيە قورقۇنچ ئىچىدە بىر تۇرقى ۋىجىكرەك IS ئەزاسىدىن ئۆزىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. قارشى تەرەپ نادىيەدىن دىنىنى ئۆزگەرتىش ۋە توي قىلىشنى تەلەپ قىلغان، نادىيە ماقۇل بولمىغاندىن كېيىن، ئۇنى قاتتىق ئۇرغان ۋە بىر ئۆيگە سولاپ قويغان. بۇ يەردە نادىيە بىر توپ قاراۋۇلارنىڭ خورلىشىغا ئۇچراپ ئاخىرى ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ قالغان.
نادىيەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر 8-ئايدا ئۇ ۋە يۈز نەچچە كىشى IS تەرىپىدىن ئەسىر قىلىنغان، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسولغا ئېلىپ بېرىلغان، بۇيەردە باشقا مىڭلىغان يازىدلار بىلەن قامالغان. ئۇنىڭ تەسۋىرلىشىچە IS ئاياللارنى ئۇرۇش ئولجىسى سۈپىتىدە ئالماشتۇرىدىكەن.
نەق مەيداندا نادىيە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىچىنىشلىق كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ يەنە بىر تەرەپتىن يىغلىدى. ئۇ ب د ت نىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىدىن IS نى يوقىتىشنى تەلەپ قىلدى. مەيداندىكى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزا دۆلەت ۋەكىللىرى تەسىرلەندى ھەمدە نادىيەنىڭ باتۇرلۇقى ئۈچۈن ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ قوللىشىنى ئىپادىلىدى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ «شام ئىسلام دۆلىتى» تەرىپىدىن ئېلىپ سېتىلغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى، بۇ قىلمىشلارنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى، خەلقئارالىق سوتقا تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىشىغا سۇنىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved