يۈسۈپ خاس ھاجىپ

※ ئىنسان بالىسىنىڭ قەدىر – قىممىتى ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن بولىدۇ.

 


※ بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر، بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز يارماقتۇر.

 


※ ئادەم بىلىمى بىلەن تونۇلىدۇ، بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.

 


※ بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ نامى تىرىك بولىدۇ، بىلىمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ.

 


※ ئاتا – ئاناڭ سەندىن رازى بولسا، تەڭرىمۇ سەندىن رازى بولىدۇ.

 


— يۈسۈپ خاس ھاجىپ

 


بۈيۈك مۇتەپەككۇر، ئۇلۇغ پەيلاسوپ، ئالىم ۋە شائىر، دۆلەت ئەربابى ، چوڭ ھەجىمدىكى دىداكتىكىلىق داستان — ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ 11 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قاراخانىيلار پايتەختلىرىدىن بىرى بولغان بالاساغۇن شەھىرىدە تۇغۇلغان ۋە قەشقەردە ياشاپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەم ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قايسى يىلى تۇغۇلۇپ، قايسى يىلى ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە تېخى ھازىرغىچە ئېنىق تارىخىي مەلۇمات يوق. لېكىن ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› تىكى بەزى بېيىتلاردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتىغا ئائىت بەزى يىپ ئۇچىغا ئىگە بولىمىز.

 


يىل ئاتمىش ئىكى ئەردى تۇرت يۈز بىلە،

بىتيۇ تەكەتتىم بۇ سۆز ئۈلگۈلە.

(مەزمۇنى: تۆت يۈز ئاتمىش ئىككىنچى يىل ئىدى،
بۇ سۆزلەرنى تاللاپ، يېزىپ تاماملىدىم.)
تۇكەل ئون سەككىز ئايدا ئايدىم بۇ سۆز،
ئۆدۈردۈم مەن ئەتنوتە كەتتىم تۇرا.
(مەزمۇنى: بۇ سۆزلەرنى ئون سەككىز ئايدا سۆزلەپ تۈگەتتىم،
سۆزلەرنى تاللاپ، ئايرىپ، تېرىپ رەتلىدىم.)
بۇ بېيىتلاردىكى ئۇچۇردىن قارىغاندا داستاننىڭ يېزىلغان ۋاقتى ھىجىرىيەنىڭ 462 – يىلى (مىلادىيە 1069 — 1070 – يىللىرى) غا توغرا كېلىدۇ.
تەگوردى ماڭا ئەلگىن ئەلىگ ياشىم،
قوغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسى تەگ باشىم.
(مەزمۇنى: تەگكۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك يېشىم،
قوغۇ(ئاق قۇ) قىلدى قۇزغۇن تۈسىدەك بېشىم.)
بۇ مىسرالاردىن مۇئەللىپنىڭ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانىنى يېزىۋاتقان چاغلىرىدا 50 ياشلاردىن ئاشقانلىقى، داستاننى يېزىپ بولغان ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا، تەخمىنەن مىلادىيە 1018 – ياكى 1018 – يىلى تۇغۇلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. داستاننى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، مۇئەللىپ ئۇنى قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ھەسەن بۇغراخان مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق (ئارىچى، ۋەكالەتچى، خاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى دېگەن مەنىلەردىكى ئەرەبچە سۆز) ئۇنۋانىنى بەرگەن.
‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانىنىڭ ئەسلى قوليازمىسى تېخى تېپىلغىنى يوق. ھازىر ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغىنى ئۆز زامانىسىدىن خېلى كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن ئۈچ قوليازمىسى يېتىپ كەلگەن. بۇلاردىن بىرى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن ۋىنا نۇسخىسى (1939 – يىلى ھىراتتا كۆچۈرۈلگەن ھىرات ياكى ۋىنا نۇسخىسى)، ئىككىنچىسى ئەرەب يېزىقى بىلەن (14 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا) كۆچۈرۈلگەن قاھىرە ياكى مىسىر نۇسخىسى، ئۈچىنچىسى 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆچۈرۈلگەن ئەڭ قەدىمىي ۋە تولۇق نۇسخا بولغان ئەرەب يېزىقىدىكى نەمەنگەن ياكى فەرغانە نۇسخىسىدۇر.
‹‹قۇتادغۇبىلىك›› — بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
‹‹قۇتادغۇبىلىك›› 82 باب، 6644 بېيىت (13288 مىسرا) تىن تەركىب تاپقان چوڭ ھەجىمدىكى دىداكتىكىلىق داستان بولۇپ، باشتىن – ئاخىر ئارۇز ۋەزنىنىڭ مەسنىۋى شەكلى بىلەن يېزىلغان. ئەسەردە ئاپتور ئاساسەن دۆلەتنى باشقۇرۇش يوللىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى، ئەخلاقىي قاراشلىرىنى ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي ئۇسۇلدا، يەنى ئادالەت ۋە قانۇنغا سىمۋول قىلىنغان پادىشاھ كۈنتۇغدى، بەخت – سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان ۋەزىر ئايتولدى، ئەقىل – ئىدراكقا سىمۋول قىلىنغان ئۆگدۈلمىش، قانائەتكە سىمۋول قىلىنغان ئودغۇرمىشتىن ئىبارەت سىمۋوللۇق ئوبرازلار ۋاستىسىدە كۆركەم ئەدەبىي تىل بىلەن بايان قىلىدۇ.
( مەزكۇر تەرجىمىھال ئازاد مىرقاسىم تۈزگەن ‹‹تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكى›› دىن قىسقارتىپ ئېلىندى)



خەتكۈچلەر:
18-02-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
17-05-2016
     1.سېلىنىدىغان ئۇرۇق مىقدارى ئوخشاش بولمىغان سورتلارنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى، تۈپ تىپى ۋە چوڭقۇرلۇقى، ئۇرۇقنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى، بىخلىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىكى ۋە تېرىش شەكىلىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ. كۆممىقۇناقنى تېرىشنىڭ قۇر...
14-05-2016
      يېقىندا چەت ئەل تورلىرىدا پىشۇرۇقچىلارنىڭ تورتلىرىنى تورغا چىقىرىشى مودىغا ئايلانغاندەك، ھەر قايسى دۆلەتتىكى پىشۇرۇقچىلار بەس-بەستە تورتلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى تورغا چىقارغان، ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-مايدى...
Powered by Leglek