قانداق كىشىلەرگە ئاسان ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ؟

1. بالىلار: بالىلارنىڭ ئەزالىرى تېخى مۇكەممەل يېتىلمىگەن، تېمپېراتۇرا تەڭشەش مەركىزىنىڭ ئىقتىدارى (فۇنكسىيەسى) ناچار، تېرە ئاستى ياغلىرى، بولۇپمۇ ئىسسىق ساقلاش رولىغا ئىگە قوڭۇر رەڭلىك ياغ مىقدارى نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىلارغا ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.


2.ياشانغانلار: ياشانغانلاردىكى تېرە تەر بەزلىرىنىڭ يىگىلىشى ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ چېكىنىشى، ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.


3. تۇغۇتلۇق ئاياللار: تۇغۇتتىن كېيىن، بەدەن قۇۋۋىتى زور دەرىجىدە خوراپ، بەدەن ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئەگەر ھاۋا ئالمىشىشى ناچار، تېمپېراتۇرا نىسبەتەن يۇقىرى ئۆيلەردە تۇرۇۋەرسە، ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.


4.يۈرەك – قان تومۇر كېسىلى بارلار: تومۇز ئىسسىق كىشىلەرنىڭ سىمباتىك نېرۋىلىرىنى غىدىقلاپ، يۈرەك، قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بولۇپمۇ يۈرەك فۇنكسىيەسى تولۇق بولمىغان ئاغرىقلارنىڭ بەدىنىدىكى ئېنېرگىيە ۋاقتىدا تېرىگە يۆتكىلەلمەي، بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.


5.تېرە قېتىش كېسىلى ۋە ئېغىر دەرىجىدە كۆيگەنلەر: بۇنداق ئاغرىقلارنىڭ تەر بەزلىرى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكتىن، ئىسسىقلىقنى تارقىتالمايدۇ. نەتىجىدە ئىسسىقلىق بەدەندە ساقلىنىپ قېلىپ، ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.


6. يۇقۇملىنىش كېسەللىرى: باكتېرىيە ياكى ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىشلارمۇ بىر خىل ئىسسىقلىق پەيدا قىلىش مەنبەسى بولۇپ، بەدەننىڭ ئىسسىقلىق ئاجرىتىشىنى تېزلىتىدۇ ھەم كۆپ مىقداردا كاتېخولامىن تۈرىدىكى ماددىلارنى ئاجرىتىدۇ، بۇ ماددىلار قانغا كىرگەندىن كېيىن، قان تومۇرلارنى سىپازمىلاپ، ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.


7.قەنت سېيىش كېسىلى بارلار: بۇ كېسەلدە قەنت سۈيدۈك ئارقىلىق كۆپ مىقداردا چىقىپ كەتكەچكە، سۇ ۋە ئېلېكتىرولىتلارنىڭ ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، يۈرەك، قان تومۇر سىستېمىسى ۋە ئەتراپ نېرۋىلىرىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئورگانىزملارنىڭ ئىچكى – تاشقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.


8.ئوزۇقلىنىشى ناچار كىشىلەر: ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولسا، بۆرەكنىڭ قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ رېفلېكسلىق قىسقىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە دائىم ئىچى سۈرۈپ، بەدەن سۇسىزلىنىدۇ ۋە ئېلېكتىرولىت ماددىلار قالايمىقانلىشىدۇ، شۇڭا ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.



خەتكۈچلەر:
15-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
25-05-2016
    تاماكىنىڭ ساغلاملىققا پايدىسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئادەم بىلىدۇ لېكىن تاماكىنىڭ يەنە ئادەملەرنىڭ  ئەقىلنى كېسىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟     يېقىندا ئەنگلىيە ئەبىردىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىق...
25-05-2016
    دىلرۇس بىئو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دىلرۇس داۋالاش ئ‍ۈسكۈنىلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئ‍ەكبەرجاندىن ئ‍ېگلىشىمىزچە، دىلرۇس بىئو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تىل جەھەتتىن قېينىلىۋاتقان ئ‍وتتۇرا ياش ۋە ياشانغانل...
24-05-2016
1. دورا ئىچكەندە تاماكا چەكمەڭ. 2. ئاسپىرىننى ئىچكەندە ھاراق ۋە مېۋە شەربىتى ئىچمەڭ. 3. بېربېرىنى چاي بىلەن بىللە ئىچمەڭ. 4. بىروفىننى ئىچكەندە قەھۋە ۋە كولا ئىچمەڭ. 5. ئانتىبىيوتىك دور...
24-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ياپونىيە كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-تەتقىقات ئۆمىكى مۇشۇ ئاينىڭ 24- كۈنى ئەنگىلىيە تەبىئەت ژۇرنىلىدا پە-تەتقىقات نەتى...
22-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون پوچتا كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 22-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستانلىق 13 ياشلىق ئوغۇل بالا ماھېندىرا (Mahendra) تۇغما مۇسكۇل كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، بوينى تىك تۇرمايدىغان، ساڭگىلاپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغان، بۇنىڭ بىل...
22-05-2016
    بەلنىڭ چىم بولۇشى تۈرلۈك جىددىي خاراكتېرلىك بەل ئاغرىشتىن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار، شوپۇرلار ھەمدە تەنھەرىكەتچىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.     بەل چىم بولۇپ ئاغرىغاندا، مۇۋ...
21-05-2016
    ئامېرىكا ستەنفورد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئانىنىڭ ئاۋازى بالىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نېرۋا ھۈجەيرىسى زەنجىرى بىلەن چوڭ مېڭە ئوتتۇرسىدىكى تۇتۇشىشنى كۈچەيتىدىكەن، ئانىسىنىڭ گېپىنى كۆپرەك ئاڭلاپ بېرىش...
20-05-2016
    تەپتىش ئورگانلىرى قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارەتكە چېتىشلىق 125 گۇماندارنى قولغا ئالدى، ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت سادىر قىلغان 37 ئادەمگە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى تەستىقلىدى. مۇخبىرنىڭ 20-چېسلا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى...
20-05-2016
    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 19- ماي جەنۋەدە ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: يەر شارى نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمرى 2000- يىلدىن 2015- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 5 ياش چوڭىيىپ، 71.4 ياشقا كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ...
20-05-2016
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 19-ماي ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن ئون بەش يىلدا يەرشارى ئوتتۇرىچە مۆلچەر ئۆمرى بەش ياش يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، دېدى. بۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيە ئاياللىرى ۋە شىۋېتسارىيە ئەرلىرىنىڭ مۆلچەر ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن، ئايرىم-ئا...
Powered by Leglek