مۇخبىر 10-دېكابىر گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىدىن بىر تۈركۈم ئاۋمىندىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن كىشىلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئارقا-ئارقىدىن «تۈلكە ئوۋلاش ھەركىتى» چېگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارىدىن تۆتنى قولغا چۈشۈردى، بۇ دېلو 900 مىليون يۈەنگە چېتىلىدۇ.9-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە بۇ تارماق ئەترەتنىڭ قوماندانلىق شىتابىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ئالدى-كەينى بولۇپ، ئاۋمېن ساقچى تەرەپ قايتۇرىۋەتكەن چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن كىشىلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا سالاھىيىتىنى دەلىللەش، توردا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۆت كىشى (ئىككى ئەر، ئىككى ئايال) نىڭ ج خ ئورۇنلىرى «تۈلكە ئوۋلاش ھەركىتى»دە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى يۇقىرىغا يوللىغان ۋە يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى چېن فامىلىلىك، لى فامىلىلىك، ۋۇ فامىلىلىك قاتارلىق كىشىلەرنىڭ 2013-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ جېجىياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھىرىدىكى كۆپلىگەن بانكىلاردا ھېساپ ئېچىپ، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن مەبلەغنى تور بانكىسىدىن يۆتكەش، ATMدىن پۇل ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق چېگرا ئىچىدىن چېگرا سىرتىغا يۆتكەپ كەتكەن، ھەمدە قانۇنسىز مۇلازىمەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ئوتتۇرىدىن پايدا ئالغان. بۇ دېلو 900 مىليون يۈەنگە چېتىشلىق بولۇپ، دېلو سادىر قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، ھەمدە سىرىتقا قېچىپ كەتكەن بولغاچقا تۆت كىشىنى يەرلىك ساقچىلار توردىكى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزىۋەتكەن.
نۆۋەتتە بۇ دېلوغا چېتىشلىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈشى ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved