دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى 10-ئىيۇل مۇنداق دېدى: يۇقۇمسىز كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىشى پۈتكۈل يەرشارى كېسەللىكلەر ۋە كىشلەرنىڭ قازا قىلىشدىكى ئەڭ چوڭ كېسەللىككە ئايلاندى. ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمسىز كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈچىنى كۈچەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
68-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا شۇ كۈنى يۇقۇمسىز كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ۋە باھالاش بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى يىغىندا مۇنداق دېدى: يۈرەك كېسىلى، راك، قەن سىيىش كېسىلى، سوزۇلما نەپەس يولى كېسەللىكلىرى قاتارلىق يۇقۇمسىز كېسەللىكلەر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئورنىنى ئىلىپ، پۈتكۈل يەرشارى كېسەللەر ۋە كىشلەرنىڭ قازا قىلىشدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبلەرگە ئايلاندى. بۇ كىشلەردىن ئاممىۋىي داۋالاشقا بولغان ئاساس بىلىمىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved