38 ياشلىق ئايال 18 ياشلىق قىزىنىڭ باش سۈرىتىنى ئىشلىتىپ توردا مۇھەببەتلىشىپ ئازار يېدى

38 ياشلىق سىچۇەنلىك ئايال جاڭ لى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئاددىي تۇرمۇشىغا قانائەت قىلماي، توردا مۇھەببەتلىشىشكە باشلىدى. ئۇتۇق قازىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇ 18 ياشلىق قىزىنىڭ سۈرىتىنى باش سۈرەت قىلىپ توردا باشقىلار بىلەن تونۇشتى، ھەمدە ئوڭۇشلۇق ھالدا 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بىر يىگىت بىلەن توردا مۇھەببەتلەشتى. ئۇ ئاجرىشىپ كېتىپ، بۇ ياش يىگىتى بىلەن توي قىلماقچى بولغاندا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش يۈز بەردى......

2012-يىلى جاڭ لى باشقىلارنى جەلىپ قىلىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن 18 ياشلىق چىرايلىق قىزىنىڭ سۈرىتىنى ئۆزىنىڭ QQ باش سۈرىتى قىلىۋالدى، يەنە تېخى ئۆزىنى 1992-يىلى تۇغۇلغان دېدى. توردا ئۇ 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بىر گۈزەل قىزغا ئايلاندى.

بىر مەزگىلدىن كېيىن گۇاڭدوڭدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان جاڭ لى توردا ئۆزىدىن توققۇز ياش كىچىك گاۋ لې (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىلەن تونۇشۇپ قالدى. گاۋ لې چوڭچىڭدىن بولۇپ، شاڭخەيدە ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەمچىلىك قىلغان ئىدى.

گاۋ لې جاڭ لىغا قىزىقىپ قالدى، ئۇلار ئادەتتىمۇ بىر-بىرىگە يېقىن مۇئامىلە قىلدى، ھەتتا توي قىلىش دەرىجىسىگىمۇ يېتىپ باردى، جاڭ لى بۇنىڭدىن ھاياجانلاندى.

بىر يىل بۇرۇن گاۋ لې جاڭ لى بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالدى-كەينى ئويلاشقاندىن كېيىن جاڭ لى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى سۈرەتكە تارتىپ گاۋ لېغا ئەۋەرتىپ بەردى، ھەمدە سەمىمىيلىك بىلەن بۇ مەزگىللىك مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدى.

«ئۇ توردا خۇددى كىچىك قىزلارغىلا ئوخشايتتى، مەن ئۇنىڭ 40 قا يېقىنلاشقان توي قىلغان ئايال ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن.» گاۋ لې جاڭ لىنىڭ كىملىكىنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن جاڭ لى ئۆزىنى سىناۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان، ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم كۆرۈشۈش نىيتىگە كەلگەن. ئۆزىنىڭ سەمىمىيلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن گاۋ لې جاڭ لىغا:«سىز قېرى خوتۇن بولسىڭىزمۇ سىزنى چوقۇم ئالىمەن، سىز بىلەن قېرىغىچە بىللە ياشايمەن!» دېگەن.

گاۋ لېنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ جاڭ لى بەكمۇ تەسىرلەنگەن. گاۋ لې گۇاڭجۇغا كېلىپ جاڭ لى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان، ئويلىمىغان يەردىن جاڭ لىنىڭ ئوبرازى گاۋ لېنىڭ خىيالىدىكى بىلەن پەقەتلا ئوخشىمىغان. گاۋ لې ئامالسىز باھانە كۆرسىتىپ، نەچچە كۈندىن كېيىنلا گۇاڭجۇدىن شاڭخەيگە قايتىپ كەتكەن.

گاۋ لې ئاستا-ئاستا بۇ غەيرىي مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان. گاۋ لې ئايرىلىپ كېتىش مەقسىتىنى ئېنىق ئىپادىلىمىگەچكە، جاڭ لى ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق مۇھەببەتلىشىش نىيتىگە كەلگەن. نەچچە ئايدىن كېيىن جاڭ لى يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتتى، ھەمدە شاڭخەيگە كېلىپ گاۋ لېغا ئەگەشتى.

جاڭ لى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۈپتىن ئۈزۈش ئۈچۈن گاۋ لې دادام ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچرىدى دېگەننى باھانە قىلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. جاڭ لى تېلېفون ئارقىلىق گاۋ لې بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ تېلېفونى ئۇلانمىدى.

گاۋ لې نى تېپىش ئۈچۈن جاڭلى شاڭخەيدىن سىچۇەنگە ياردەمچى ئىزدەپ كەلگەن، دوسىت-بۇرادەرلىرى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا بولدى قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان. پەقەت قىزىلا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ گاۋ لېنى ئىزدىمەكچى بولغان.

جاڭ لى قىزىنى ئېلىپ چوڭچىڭدىكى گاۋ لېنىڭ يۇرتى دازۇغا كەلگەن. 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇلار گاۋ لېنىڭ ئۆيىگە بارغان. گاۋ لې ئۆيىدە يوق بولۇپ، ئىككىنچى كۈنى جاڭ لى گاۋ لېنىڭ دادىسىنىڭ ماشىنا ۋەقەسىگە يولۇقمىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇرۇش-جىدەل قىلىشقا باشلىغان، گاۋ لېنىڭ ئۆيىدىكى ئاشخانىنىڭ ياغاچ ئىشىكىنى تىپىپ سۇندۇرىۋەتكەن، ھەمدە كارۋاتتا يېتىۋېلىپ كەتكىلى ئۇنىمىغان. شۇنىڭ بىلەن گاۋ لېنىڭ ئانىسى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سورىغان.

خەلق ساقچىلىرى خىزمەت ئىشلىشى بىلەن جاڭ لى ئاخىرى گاۋ لې بىلەن ئايرىلىپ كېتىشكە قوشۇلغان. گاۋ لېمۇ تېلېفوندا جاڭ لىدىن كەچۈرۈم سورىغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ يول پۇلىنى تۆلىگەن.



خەتكۈچلەر:
11-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-05-2016
    پوسكام ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونى 2015-يىلى قىش پەسلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى قار تېيىلىش مەيدانىنى ئېچىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، بۇ يىل مەزكۇر مەنزىرە رايونىدا يەنە يېڭىدىن ساياھەت تۈرى – جەنۇبىي شىنجا...
30-04-2016
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېنېسۇئېلادىكى پەرىشتە شارقىراتمىسى دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك شارقىراتما بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىر كېلىدىكەن، ئەتراپى چوڭقۇر ھاڭ بولۇپ، ئۇ يەرگە يامىشىپ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆر...
30-04-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇبەي بۇ يىل يازدا دۇنيا رېكورتىنى يارىتىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆي ئىچى تېما قىلىنغان باغچا - IMG تەۋەككۈلچىلىك دۇنياسى (IMG Worlds of A...
29-04-2016
     سىز پەقەت 30 مىنۇت ۋاقىت سەرىپ قىلىپلا شەھەرنىڭ ئۇ چىتىدىن بۇ چىتىگە بېرىپ بولۇشنى پەرەز قىلالامسىز؟ شەھەر كۆلۈمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان بۇ دەۋىردە بۇنداق قىلىش قۇرۇق خام خىيالدەكلا تۇيىلىدۇ. ئەمما ئاۋسترالىيەلىكل...
29-04-2016
     2016-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى مەلۇم ئارشاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى نۇرغۇن ئارشاڭ كۆلچەكلىرىدە ئالما، ئاپېلسىن، لىمون، تەرخەمەك قاتارلىق مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلار چىلاپ قويۇلغانىدى. ...
29-04-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى: «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، فوتوگراف بوشلۇقتىن شىشۇاڭبەننانىڭ بايراملىق ياسانغان گۈزەل ھۆسنىنى سۈرەتكە تارتىپ، كىشىلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىشقا تەك...
29-04-2016
     2016-يىلى 26-ئاپرېل خەۋىرى. بۇ بىر يۈرۈش سۈرەت بىزگە تۇمان ئارسىدىكى دۇبەينى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چىراق مەنزىرىسى، بۇلۇتلار ئىچىدىكى ئاسمان پەلەك ئىمارەتلەر.... پورتتىن جۇمىرا ئارىلىغىچە بولغان گۈزەل مەنزىرىلەر كىشىگە ئۆز...
28-04-2016
    بۇ يىل ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە شىنجاڭ كۈتىۋالغان ئىچكىرى ...
28-04-2016
    ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى مۇلازىم ئورنىدا ئىشلىتىپ، خېرىدارلارغا تاماق تىزىملاش كىنولاردىكى كۆرۈنۈش ئەمەس بەلكى گوللاندىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت قەھۋەخانىسىدىكى ھەقىقىي كۆرۈنۈش. ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ...
27-04-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
Powered by Leglek