ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم يولغا قويۇلۇپ، ئىرانغا قارىتىلغان جازا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان پەيتتە، ئامېرىكا تۇيۇقسىز ئىرانغا يېڭى جازانى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇنداقتا ئامېرىكا ئىرانغا نېمە ئۈچۈن يېڭى جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادى جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا يەنە ئىرانغا قارتا بىر قاتار جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 17- يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ تېرىتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى قوللىغان 11 كارخانا ۋە ئىرانلىق پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون شەخسىنى جازالاش قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكىنىڭ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ئىجرا قېلىنغان كۈننىڭ ئەتىسى ئىرانغا يېڭى جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىشى، ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى جازالاش دەۋرىدىكى ئىرانغا قارىتىلغان سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلغىنىغا خىلى ئۇزاق ۋاقىتتا بولغانلىقىنى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى بىلەنلا ئىراننى چەكلەشتىن قول ئۈزمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئامېرىكا يېڭى جازالاش تەدبىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە، ئۆزىنىڭ ئىراننىڭ بىخەتەرلىككە بولغان تەھدىتىدىن يەنىلا ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، ئىران يەر شارى ئىقتىسادى سىستېمىسىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ يەنىلا ئىرانغا داۋاملىق جازالاش ۋاسىتىسىنى قوللىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلدى.
ئەمەلىيەتتە، ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى ۋەقەسى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كىيىن، ئامېرىكا ئىران مۇناسىۋىتىگە سوغۇق سۇ سېپىلدى، بىراق ئىران ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغان ئەسكەرلىرىنىڭ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئەپۇ سورىغانلىقى توغرىسىدىكى كۆرۈنۈشنى ھەدەپ كۆرسىتىپ، بىر قىسىم تاراتقۇلاردا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى. ئامېرىكا يېڭى جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويغان تۇنجى كۈنى، ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى بۇ ئىش توغرىسىدا شەپە بەرگەن ئىدى. ئۇ 16- يانۋار، ئىراننىڭ بىر قىسىم ساھەلەردىكى ھەرىكىتىنى يەنىلا قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ھازىرغىچە ئەسەبىي تەشكىلاتلارنى قوللاش، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىنى تۇغۇلمىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردە ئىراننى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ قارىشىچە، ئىراننىڭ بىر قىسىم ساھەلەردىكى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ھەرىكىتى ئاساسلىقى ئىراننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا، بۇ تەدبىر ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىكى ئامىل دەپ قارىغان، جازالاش تەدبىرىنى ئېلان قىلىشىدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا كۆپ قېتىم ئىراننى تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەنئى قىلىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى، ئوباما ھۆكۈمىتى پارلامېنتقا ئىراننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا ئالاقىدار جازالاش تىزىملىكىنى سۇنغان، بىراق، ئۇ ئىزچىل تۈردە سىرتقا جاكارلانمىغان.
ئامېرىكىنىڭ مەيدانىدىن قارىغان، ئوباما 16-يانۋار ئىمزالىغان ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادى جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بۇيرۇقى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ پۇل مۇئامىلە، سودا، نېفىت ئېكسپورتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىرانغا يول قويۇش بولۇپ، بىراق تېررورلۇقنى قوللىدى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قارشى تۇردى دېگەندەك يادرولۇق ئىدېئولوگىيەلىك مەسىلىلەردە ماھىيەتلىك مۇرەسسەلەشمىگەن. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان تۈپ مەيدانىدا قىلچىمۇ تەۋرىنىش بولمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
جازالاش مەزمۇنىدىن قارىغاندا، تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ يېڭى جازانى يولغا قويۇش بولۇپ، بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار خەلقئارا جازا بىلەن ئوخشىمايدىكەن. ئالدىنقى جازالاش تەدبىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتتە تىلغا ئېلىنمىغان. ئامېرىكا مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن ئىرانغا يېڭى باھانە قالدۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى جازالاش تەدبىرىدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرىدىغان مۇھىم قۇرالى. ئامېرىكا ئىراننى جازالاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچىيىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت. ئامېرىكىنىڭ نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى باشتىن ئاخىرى قوللىماي كەلدى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان رۇئەن 16-يانۋار، ئىراننىڭ توڭلىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 100 مىليارددىن كۆپرەك ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تېررورلۇقنى قوللايدىغان بولسا، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئۇندىن باشقا، ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋاقىتتا، ئىرانغا 1 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كونا قەرزىنى تۆلىشى ھەمدە ئىران بىلەن مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەربابلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى، شۇڭا، ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ئىجرا قىلىنغان كۈنىنىڭ ئەتىسى ئىراننى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭدىن ئوبامانىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سايلام ئاۋازىغا ئېرىشىش ۋە ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە خىرىسى قاتارلىق جەھەتلەرنى ئويلىشىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى قارشى تۇرغۇچىلارغا تەسەللى بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved