خۇاۋېي شىركىتى 2016-يىللىق CES يەرمەنكىسىدە ئامېرىكا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىغا قايتىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، ئامېرىكا بازىرىغا يۈزلەنگەن GX8 ناملىق يانفونىنى ئېلان قىلغان. بۇ يانفون ئەمەلىيەتتە خۇاۋېي G7 Plus بولۇپ، %90 قىسمى مېتالدىن ياسالغان، بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان، ئامېرىكا بازىرىدىكى باھاسى 350 دوللارغا بېكىتىلگەن.
ئاساسلىق سەپلىمىسى:
بىر تەرەپ قىلغۇچ: كۇۋالكوم 615 تىپلىق سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ
سىستېما: Android 5.1
ئېكران: ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080P بولغان 5.5 دىيۇملۇق ئېكران
ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB
ئاساس ساقلىغۇچ: 16GB (ئەڭ چوڭ بولغاندا 128GB گە كېڭەيتكىلى بولىدۇ)
ئارقا كامېرا: 13 مىليون پىكسېللىق
ئالدى كامېرا: بەش مىليون پىكسېللىق
باتارىيە: 3000 مىللىئامپىر
ئېغىرلىقى: 167 گىرام
خۇاۋېي GX8 يانفونى ھازىردىن باشلاپ ئامېرىكا ئامازون تور سۇپىسى ۋە خۇاۋېي ئورگان تورى ئارقىلىق سېتىشنى يولغا قويغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved