مەنبە: ۋىكىپېدىيە قامۇسى
باراك ھۈسەيىن ئوباما 1961-يىلى 4-ئاۋغۇستتا ئامېرىكا ھاۋاي شىتاتىدا تۇغۇلغان، ئامېرىكىنىڭ 44-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى. 2008-يىلى 4-نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىپ پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان، 2009-يىلى 20-يانۋاردا سابق پرېزىدېنت جورجى ۋ. بوشتىن پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالغان. 2012-يىلى 6-نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا رەقىبى رومىنىيغا قارشى سايلامدا غەلبە قىلىپ ئىككىنجى قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان. ئوباما ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قارا تەنلىك پرېزىدېنت. 54 ياش.
ئوباما ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي شىتاتىدا تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى كېنىيەلىك . ئانىسى ئان دانخام بولسا ئامېرىكىلىق. ئوبامانىڭ دادىسى ھاۋايغا ئوقۇشقا كەلگەندە ئان دانخام بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان. ئوباما 2 ياشقا كىرگەندە ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن. ئانىسى ھىندىنوزىيەلىك لولو سوتورو بىلەن ئۆيلەندى. ئوبامانىڭ دادىسى ۋە ئۆگەي دادىسى مۇسۇلمان ئەسىللىك ئائىلىلەردىن ئىدى. ئوباما 6 ياش ۋاقتىدا ھىندىنوزىيەگە كەلگەن ۋە جاكارتادا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان، كېيىن ھونولوغا قايتىپ 1979-يىلى تولۇق ئوتتۇرانى پۈتتۈرگەنگە قەدەر بوۋىسى ۋە مومىسى بىلەن بىللە ياشىغان، كېيىن نىيۇ يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرستىتىغا ئۆتۈپ، 1983-يىلى سىياسىي بىلىملەر پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. 1988-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرستىتى قانۇن پاكۇلتىتىغا كىرگەن، ، 1991-يىلى ئادۋۇكاتلىك دىپلومىغا ئېرىشكەن.
ئوبامانىڭ ئانا تەرىپىدىن 1 ئۆگەي قېرىندىشى، دادا تەرەپتىن 7 ئۆگەي قېرىندىشى بار. ئوباما مىچىل روبىنسون بىلەن 1992-يىلى 3-ئۆكتەبىردە ئۆيلەنگەن، ئوبامانىڭ مالىيا ۋە ساشا ئىسىملىك2 قىزى بار.
ئوباما 1992-يىلىدىن باشلاپ چىكاكو ئۇنىۋېرستىتى قانۇن پاكۇلتىتىدا دەرس ئۆتكەن، 1996-يىلى ئىللىيونىس شىتاتى كىڭەش پالاتتاسىغا سايلىنىپ سىياسەتكە قەدەم قويغان. 2004-يىلى 70% ئاۋاز بىلەن ئامېرىكا كىڭەش پالاتتاسىغا سايلانغان. ئوباما 2004-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى جەريانىدا بوستوندا نۇتۇق سۆزلەپ دىققەتنى تارتقان. ئوباما يىللىق پرېزىدېنت سايلىمىغا دېموكرات پارتىيە نامزاتى بولۇپ قاتناشتى. دېموكرات پارتىيە نامزاتلىرىدىن ھىلارى كىلىنتون ۋە براك ئوباما ئەڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئوباما ھىلارىيدىن ئازراق يۇقىرى ئاۋازدا 52% بىلەن 2008-يىلدىكى سايلامدا غەلبە قىلدى. ئوباما 2009-يىلى 20-يانۋاردا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالدى. ئوباما 2012-يىلىدىكى سايلامدا رەقىبى جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى نامزات رومىنىي بىلەن رىقابەتلىشىپ ، سايلامدا غەلبە قىلىپ ئىككىنجى قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved