گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 30-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن پارىژ ئېلىسې سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا تورى، پارىژ، 30-ئىيۇن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 30-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن پارىژ ئېلىسې سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-فىرانسىيە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي ئىشەنچكە ئىگە، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشتەك ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئەل ئارا دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو-فىرانسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلاملار ئالاقىسىنى قويۇقلاتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ دەرىجىسىدە بۇرۇلۇش ياساشقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-فىرانسىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىككە ۋە كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ئىدىيەۋى يوللىرىنى ئېچىپ، مەنپەئەت بىرلىشىشىنى زورايتىپ، 3-تەرەپ بازىرىنى بىرلىكتە ئېچىپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى زېمىن ھازىرلىشى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقى ۋە سانائەت ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاشۇرما قىممىتى يۇقىرى ۋە تېخنىكىلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇشتىكى ھەمكارلىق نىسبىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە. رەقەملەشتۈرۈش، سىجىل تەرەققىيات، ساياھەت، دېھقانچىلىق، يېمەكلىك قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئېچىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىش كېرەك.
لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپنىڭ پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ ساھىبخانى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ ھەمدە قوللايدۇ، فىرانسىيە تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقە ۋە چۈشىنىشنى ساقلاپ، يىغىنىڭ ئاكتىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved