ئەنگلىيە ‹‹ئەينەك گېزىتى›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى 27 ياشلىق ئەر ئادام ئامېرىكا مودا ناخشا چولپىنى مادوننانى ھەدىدىن زىيادە ياخشى كۆرگەنلىكتىن، چوقۇنغۇچىسى مادونناغا ئوخشاش بولۇش ئۈچۈن 50 مىڭ فۇندىستېرلىڭ (تەخمىنەن 480 مىڭ يۈەن) خەجلەپ ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئادام 15 يېشىدا مادوننانى تونىغان ۋە بۇ چولپانغا سەۋدايىلارچە چوقۇنىدىغان بولغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ مادوننانىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى دورايدىغان بولغان، مادونناغا ئوخشاش گۈزەل ۋە جەلپكار بولۇش ئۈچۈن ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان.
ئادام مادوننانى دورايدىغان ئارتىسقا ئايلىنىپ، ئۆتكەن 12 يىلدا 4000 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن بەكمۇ رازى ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانلىقىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved