تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە يېڭى ھۆكۈمىتى 30- نويابىر كەچتە ئەنقەرەدە پارلامېنتىنىڭ ئىشىنىش ئاۋازىغا ئېرىشتى.
داۋۇت ئوغلى رەھبەرلىكىدىكى ھەققانىي ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 11- ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 17- نويابىر داۋۇت ئوغلىغا يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقىنى بەرگەن، ھەمدە 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 24 كىشىدىن تەشكىللەنگەن يېڭى كابىنېت ئىسىملىكىنى تەستىقلىغان.
تۈركىيە ئاساسى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يېڭى ھۆكۈمەت پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىنكى 45 كۈن ئىچىدە تەشكىللىنىدۇ. بولمىسا يەنە بىر قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەمدە سايلام نەتىجىسىگە ئاساسەن يېڭى كابىنېت تەشكىللىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved