شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يېقىندا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئون تىپىك دېلو ۋە ئەمگەك ھادىسىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ دېلولار ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش، قانۇنسىز بالا ئىشچى ئىشلىتىش، ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئۇرۇش، ھامىلىدارلارنى ئىشتىن بوشىتىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.
بۇ ئون تىپىك دېلو ۋە ئەمگەك ھادىسىسى تۆۋەندىكىچە: جېجياڭ ئۆلكىسى ‹‹شىندۇڭفاڭ›› ئاشپەزلىك مەكتىپىنىڭ ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش دېلوسى؛ شېنجۇ شەھىرى ‹‹كېلىكې›› پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، ‹‹دېلىنكې›› ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنسىز بالا ئىشچى ئىشلىتىش دېلوسى؛ ئەنخۇي ئۆلكىسى ‹‹چىڭشەن›› سۇ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەمگەكچىلەر بىلەن يازما ئەمگەك توختامى ئىمزالاشنى رەت قىلىش دېلوسى؛ سىچۈەن ئۆلكىسى سۈينىڭ 4 – قۇرۇلۇش بېزەكچىلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن تەڭسىز ۋەدىنامە ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىش دېلوسى؛ فۇجيەن ‹‹چاڭفېڭ›› ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش دېلوسى؛ شەنشى ئۆلكىسى يىجۈن ناھىيەسىدىكى دېھقان ئىشلەمچىنىڭ ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلغاندا تاياق يېيىش دېلوسى؛ جياڭسۇ ئۆلكىسى كۈنشەن شەھىرى ‹‹جۇڭرۇڭ›› مېتال بۇيۇملار چەكلىك شىركىتىدە ئېغىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت ھادىسىسى يۈز بېرىش دېلوسى؛ جياڭسۇ ئۆلكىسى ‹‹پېڭيۆ›› ئېلېكتىرون تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ھامىلىدار ئايال خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىش دېلوسى؛ خاربىن شەھىرى ‹‹بەيشى كولا›› چەكلىك شىركىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسىنىڭ ئەمگەك توختامىنى قانۇنسىز بىكار قىلىش دېلوسى؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۇەن شەھىرى ‹‹يۈيۈەن›› ئاياغ زاۋۇتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئاز تاپشۇرۇش دېلوسى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved