مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاۋغۇست سائەت 12 بولغاندا تارىم نېفىتلىكىنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 100 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشتى.
تارىم نېفىتلىكى تەبىئىي گازنى سىرتقا يەتكۈزۈشتە ئاساسلىقى ئىككى لىنىيەدىن پايدىلىنىدۇ، بىرىنچىسى، قاراماي – بۈگۈر تۇرۇبا لىنىيەسى قاتارلىق تۇرۇبا ئارقىلىق غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1 – لىنىيەسى، 2 – لىنىيەسىگە يەتكۈزۈلىدۇ، ئىككىنچىسى، تارىم ئويمانلىقى ئايلانما تۇرۇبا تورى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭغا يەتكۈزۈلۈپ، ‹‹غەربنىڭ گازىنى غەرب ئىشلىتىش›› ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ.
2013 – يىلى بۇ نېفىتلىكنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 90 نەچچە مىليون كۇب مېتىر، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سىرتقا يەتكۈزۈش مىقدارى 56 مىليون 980 مىڭ كۇب مېتىر ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكىنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشقان، يىللىق يەتكۈزۈش مىقدارى 10 مىليارد كۇب مېتىر بولغان قاراماي – بۈگۈر لىنىيەسىنىڭ توشۇش ئىقتىدارى چېكىگە يەتكەن. شۇڭا نېفىتلىك 2013 – يىلى قاراماي – بۈگۈر قوش لىنىيەسىنى پۈتكۈزۈپ، قاراماي – بۈگۈر لىنىيەسىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتتى. ئۆلچەم سىستېمىسىنىڭ بېكىتىلىشى ۋە تەڭشەش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، ئىككى تۇرۇبا لىنىيەسى بىرلا ۋاقىتتا گاز يەتكۈزۈش رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى ئون يىلدا تەمىنلىگەن تەبىئىي گاز مىقدارى جەمئىي 130 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى كۇچا تېغىدا تەبىئىي گاز چارلاپ ئۆزلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ كېشېڭ ۋە دابېي گازلىقىنى بايقىغان. كۇچا تېغى 2 تىرىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە ئىكەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved