شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگىتون ، 5-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 5- ئاۋغۇست ئېيتىشىچە ، ئامېرىكىلىق بىر قوماندان شۇ كۈنى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا قازا قىلغان .
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە باياناتچىسى كېبى شۇ كۈنى ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن : ھۇجۇم قىلغۇچى ئافغانىستان ئەسكەرلىرنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان بىر ئەر بولۇپ ، ئۇ كابۇلنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ھەربىي ئىشلار مەشىق بازىسىدا تۇيۇقسىز بىر ئەترەتتىكى خەلقئارا ھەربىي ئىشلار خادىملىرىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، بۇ قومانداننىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . ھۇجۇم قىلغۇچى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلدى .
بۇنىڭدىن باشقا ‹‹ نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ، قومانداندىن باشقا يەنە 15 ئادەم يارىلانغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خادىملىرى ئىكەن . بۇ قوماندان 2001- يىلى ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، دۈشمەن ئوقىدا ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانى ئىكەن .
ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزائىي بۇ قېتىمقى ۋەقەنى ئەيىبلىگەن ھەمدە نۇرغۇن چەت ئەللىك ۋە ئافغانىستانلىق ئەسكەرنىڭ ھۇجۇمدا يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ ، بۇ قېتىمقى ۋەقەگە باھا بەرگەن ھەمدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved