فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2-فېۋرال كەچتە ئىئوردانىيە پۇقرالىرى پايتەخت ئامماندىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسى ئالدىغا كېلىپ شام ياندۇرۇپ، رادىكال تەشكىلات ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئىككى نەپەر ياپونىيەلىك تۇتقۇنغا تەزىيە بىلدۈرگەن.
بۇ ئىككى نەپەر ياپونىيەلىك تۇتقۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئىشنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىئوردانىيە پۇقرالىرى بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياپونىيەلىك تۇتقۇنلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە رادىكال تەشكىلات ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› نىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشىغا قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا يەنە ياپونىيەلىكلەر بىلەن بىرگە دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved