تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 21-ئىيۇل، مەدەنىيەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تۇنجى ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹قەھرىمان ماناس›› 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ تۇنجى مەيدان نومۇرى سۈپىتىدە شىنجاڭ دىراما ئۆمىكىدە ئوينالدى. ‹‹قەھرىمان ماناس›› ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۈچ چوڭ قەھرىمانلىق ئېپوسىنىڭ بىرى بولغان ‹‹ماناس›› ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ يېزىلغان بولۇپ، مول ئەپسانىۋى مەزمۇنلار قوبۇل قىلىنىپ، قىرغىزلارنىڭ رەڭدار ئۇسسۇلى ئارقىلىق ماناسنىڭ قەھرىمانلىق ھاياتى قايتا نامايان قىلىنغان.
قىرغىزلار شىنجاڭدىكى 13 ئاساسلىق مىللەتنىڭ بىرى، ‹‹ماناس›› ئېپوسى 2009-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئەمما ئەنئەنىۋى ئورۇنلاش شەكلى ۋە تىل جەھەتتىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەلقئارا جامائەتچىلىك بۇ ئېپوسنى ئانچە بىلىپ كەتمىگەنىدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved