ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇرد ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى مەسئۇد بارزانى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى ئۇرۇشنىڭ زىيىنىغا ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ كۇرد ئاپتونوم رايونىدىن چېكىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بارزانى شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شۇ كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گەندىللېر تاغلىق رايونىدىكى بىر قانچە يېزا قىشلاقنى بومباردىمان قىلىپ، شۇ جايدىكى سەككىز پۇقرا ۋە كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئۇندىن باشقا ئون ئادەم يارىلانغان. ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان يېزا قىشلاقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىراق كۇرت ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئېربىلنىڭ شەرقىگە جايلاشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved