2014-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ قورغاس خەلقئارالىق بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسى 20-ئىيۇندىن 24-ئىيۇنغىچە قورغاستا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۇسابىقىغا قاتنىشىدىغان بەش دۆلەت كوماندىسى 16-ئىيۇن يىغىلىش مەشقى ئېلىپ باردى، تۆۋەندە مۇخبىرىمىز گۈلرىز سۈرئەتنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە دېققەت قىلغايسىز.
2014-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ قورغاس خەلقئارالىق بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسى 20-ئىيۇندىن 24-ئىيۇنغىچە قورغاستا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى، قورغاس ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇيۇشتۇرغان. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىغا جۇڭگو شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىن باشقا يەنە، روسىيە، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك بوكس كوماندىلىرى قاتنىشىدۇ. 16-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن مۇسابىقىغا قاتنىشىدىغان بۇ بەش دۆلەت كوماندىسى شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە يىغىلىپ مەشق ئېلىپ باردى. شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى ئابدۈشكۈر مىجىت بۇ قېتىمقى مۇسابىقىغا تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ئاسىيا بوكس مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئۆزىنىڭ مەشق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved