جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرى : لەگلەك تورى تەرجىمىسى، چەتئەل تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، مىسىرنىڭ بىر سوتى مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇقى مۇبارەكنىڭ نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆتۈرۈش دېلوسىنى سوتلىغان. بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ دېلونىڭ ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىدىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۈگۈنكى سوت قىلىشتا 86 ياشلىق مۇبارەك چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ سوتتا پەيدا بولغان ھەمدە ئۆزىنى ئاقلىغان. مۇبارەكنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان، ئەمما ئۆزىنىڭ ۋىجدانلىق ئىكەنلىكىدىن خۇرسەن بولىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ «ۋىجدانىغا تايىنىپ مىسىرنى قوغدىغان» لىقىدىن قانائەتلىندىغانلىقىنى ئېيتقان.
مۇبارەك 2011-يىلىنىڭ بېشىدىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىشتا ئىستېپا بەرگەن. ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، چىرىكلىك ھەمدە نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن 2011-يىلى 8-ئايدا سوتلانغان.
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، مىسىر سوتى مۇبارەكنىڭ ئومۇمنىڭ پۇلىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، خىيانەت قىلىش جىنايىتىنى تۇرغۇزۇپ، 3 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved