چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا، تايلاندتا بىر ئەر شۇ يەردىكى مەلۇم بىر بانكىغا ئوغرىلىققا كىرگەن، ئەمما ئۇنى نەس بېسىپ قۇرۇق پۇل ساندۇقىنى ئوغرىلاپ چىققان، ئاخىرىدا بۇ ئوغرى يەنىلا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىكەن.
تايلاند ساقچىلىرى بىرەيلەننىڭ بانكا ھاجەتخانىسىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ بانكىغا كىرىپ، پۇل ساندۇقىنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال ساقچىلارنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن.
ھەرىكەت جەريانىدا، ساقچىلار بانكىنىڭ ئەتراپىدىكى چىملىقتا 19 ياشلىق بىر ئەرنى بايقىغان، ئۇنىڭ بانكىغا ئوغرىلىققا كىرگەن ئەر ئىكەنلىكىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ساقچىلار دەرھال ئۇ ئەرنى قولغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساقچىلار يەنە ئىككى دانە نەق پۇل قاچىلايدىغان ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنى بايقىغان، ئەمما بۇ ساندۇقلار قۇرۇق ئىكەن.
دەسلەپكى قەدەمدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ياش ئۆزىنىڭ بانكىغا ئوغرىلىققا چۈشكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان ئىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved