بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
15-ماي ياپونىيىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش دوكلاتى ،ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابىغا سۇنۇلدى . بۇ دوكلاتنى شىنزۇ ئابى تەسىس قىلغان بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى ئاساسىنى قايتا ئورنىتىش توغرىسدىكى سەمىمىي سىردىشىش يىغىنى تەشكىلاتى تۈزىگەن بۇلۇپ ،ئەمەلىيەتتە باش ۋەزىر شىنزۇ ئابىنىڭ خۇسۇسىي ئاقىللار ئاپپاراتى .
شىنزۇ ئابى بۇ دوكلاتنى ئالغاندىن كېيىن ،بىردەممۇ كېچىكتۈرمەي ،15-ماي كېچىسى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئاچتى . يىغىندا شىنزۇ ئابى تۈرلۈك باھانە سەۋەپ كۆرسىتىپ ،كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش جەھەتتە ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولدى . تەپسىلى مەزمۇنىنى مۇخبىرنىڭ باش ۋەزىر قەسىرىدىن ،يەنى شىنزۇ ئابى ئاچقان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدىن ئەۋەتكەن خەۋىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ .
شۇ كۈنكى يىغىننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە قانىلىدا ياپونىيىدە بىۋاستە تارقىتىلدى ،شىنزۇ ئابىنىڭ سۆزى مۇخبىرلارغىلا ئەمەس بەلكى ياپونىيە خەلقىگە ئاڭلىتىلدى .شىنزۇ ئابى ھازىر نۇرغۇن ياپونىيلىك چەتئەلدە ،ئۇلار خەتەرگە يولۇققان ھامان ھازىرقى ئاساسىي قانۇن مۇھىتىدا قوغدىنىش ئەترىتى ئامالسىز قالىدۇ دېدى . ئۇ سىياسىئون بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بۇھالەتنى ئۆزگەرتىش مەسئۇلىيىتى بار ئىكەن .
دېمەكچى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مۇقەررەر يۈزلىنىش بۇلۇپ قالغان .لېكىن بۇنىڭغا قارىتا سەۋەپ ناھايىتى مۇكەممەل بولسىمۇ ،ياپونىيىنىڭ چەتئەلدە ئۇرۇش ھالىتى خەتىرىدە تۇرۇپ قېلىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ دېگەن سوئاللار ۋە كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى .شىنزۇ ئابى ھېسيات كوزورىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ،دوكلاتقا ئاساسەن ياپونىيە قانداق ئەھۋالدا كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى جۈملىدىن ياپونىيە ئەتراپىدىكى دېڭىزدا ئۇشتۇمتۇت ئەھۋال يۈز بەرگەندە ،پاراخوتلارنى تەكشۈرۈپ ،ئامېرىكا فلوتىنىڭ قوغدىنىپ ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئامېرىكا ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى تىلغا ئالدى .
لېكىن ياپونىيىدىكى بەزى تارتقۇلار بۇ ئەھۋاللار مىسالغا ئېلىنسىمۇ ،لېكىن بۇ ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىش ئىمكانىيىتى .ئىنتايىن كىچىك ،بۇ ياپونىيىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش باھانىسىغا تېخىمۇ بەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ دېدى .شىنزۇ ئابىنىڭ سۆزىگە قارىتا بەزى مۇخبىرلار مۇنداق گۇماننى ئوتتۇرىغا قويدى :‹كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ياپونىينى ئۇرۇشقا تېخىمۇ قىستاپ بارامدۇ ؟بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئالدىراقسانلىق بۇلۇپ قالامدۇ قانداق دەپ سوئال قويدى .
شىنزۇ ئابى ئىزچىل كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلماقچى بولىۋاتىدۇ .ئۇنداقتا كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى دېگەن نېمە ؟بۇ ئۆز دۆلىتى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋىتى بولغان دۆلەت ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ،مەيلى ئۆزى ھۇجۇمغا ئۇچرىسۇن ئۇچرىمىسۇن قورال كۈچى بىلەن ئارىلىشىش ۋە توسۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ دېگەننى كۆرسىتىدۇ . ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن .كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش چەكلەندى .
يەنى ياپونىيە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا باشقا دۆلەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەسكەر چىقىرالمايدۇ .ئەگەر شىنزۇ ئابىنىڭ كولېكتىپ قوغدىنىش ھۇقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش تەدبىرى ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ،ياپونىيە كەلگۈسىدە يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قوزغاش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ . بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماي ،ياپونىيە پۇقرالىرىنىمۇ ناھايىتى ئەنسىرىتىپ قويدى . تۈنۈگۈن كەچ شىنزۇ ئابى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا ،نۇرغۇن ئامما نامايىش ئۆتكۈزۈپ ئۇرۇش قىلمايمىز دەپ شۇئار توۋلىدى .
شۇ جاي ۋاقتى 15-ماي كەچ سائەت 6:00دە ئامما باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ ،شىنزۇ ئابىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلماقچى بولغانلىقىغا قارشى تۇردى .
ئۇلار ‹ ئۇرۇش قىلمايمىز ›‹ئاساسىي قانۇننى قوغدايمىز ›دەپ ۋارقىرىدى .‹ باش ۋەزىر شىنزۇ ئابى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىينىڭلا ساداسىغا قۇلاق سالدى ،بۇ خاتا ئىش ،ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پۈتۈن ياپونىيىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش ،شىنزۇ ئابى ئاممىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىشى كېرەك ›....13-ماي 2005نامايىشچى پارلامىنېت دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ ،پارلامىنېت ئەزالىرىدىن بىرلىشىپ ،شىنزۇ ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى . ئاساسىي قانۇننىڭ 9-ماددىسىنى قەتئىي قوغدايمىز ،ياپونىيىنىڭ چەتئەلدە قورال كۈچى ئىشلىتىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز دېگەندەك شۇئارلارنى ئۈزۈلمىدى . ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ 9-ماددىسىدا ياپونىيىنىڭ ىەلقئارالىق تالاش -تارتىشلارنى قورال كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلىشى چەكلەنگەن .نامايىشچىلار ئۇنىڭ 9-ماددىنى تەدىرىجىي يوققا چىقارماقچى بولۇۋاتقىنىنى تەنقىد قىلدى .
كورىيە دۆلەت مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى شىنزۇ ئابى توختىماي ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان چەكلىمىنى بىكار قىلىش تەدبىرىگە قارىتا تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ،ئەگەر چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ بىخەتەرلىكى ياكى كورىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە تەسىر يەتسە كورىيە شىنزۇ ئابى ھۆكۈمىتىنىڭ كولېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى خالىغانچە يۈرگۈزۈشىنى قۇبۇل قىلمايدۇ دېدى .
ئېلىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ،تارىخ قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ياپونىيىنىڭ ھەربىي بىخەتەرلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈشى ياپونىيىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي يەنە ،رايون بىخەتەرلىكى مۇھىتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقانلىقى ،جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ەخەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سەگەك تۇرۇشىنى بىلدۈردى . بۇ مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي بىخەتەرلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ تىنىچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا دەۋەت قىلدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved