بەيدۇ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ئامېرىكا ياپونىيە سۆھبىتى 4-ئاينىڭ 24- كۈنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇلۇپ ،ئوباما بىلەن ياپونىيە تەرەپ 105 مىنوت سۆھبەتلەشتى .ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتىپاقداشلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ،بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىشلىرىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى .لېكىن ئىككى تەرەپ TPPيەنى تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادى ئىگىلىكىدىن ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تىنچلىق سۆھبىتىدە ، بىر -بىرىگە يول قويمىغاچقا بۇ قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىنمىدى .
ئوباما مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :‹ھەر ئىككى دۆلەت تىنىچ ئوكيان دۆلىتى ،ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتىپاقداشلىقى ئاسىيا تىنىچ ئوكيان بىخەتەرلىكى كاپالىتىنىڭ ئاساسى ›.
ئوباما يەنە ،ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى ، ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسەن ،دىياۋيۈ ئارىلى ياپونىيە ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسىنىڭ بەشىنچى ماددىسىدىكى ھەمكارلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش تۈزۈمىگە تەتبىقلىنىدۇ دېدى .ئۇ يەنە دىياۋ يۈ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەۋەلىك مەسىلىسىگە قارىتا ئامېرىكا بىتەرەپ مەيداندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى . ئوبامانىڭ بۇ قېتىملىق ياپونىيىدىكى زىيارىتىگە قارىتا بىر قىسىم ياپونىيە خەلقى ،بىر قانچە جايدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ئېتىراز بىلدۈردى . يىغلىشىنى تەشكىللىگۈچى تەرەپ ،ياپونىيە ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنى ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى كۈچەيتىۋەتتى دېدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved