بېيجىڭ شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 4-دېكابىر دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى شۇ جېيىنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتىگە 1-سوتتا مۇددەتلىك 13 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش، 130 مىڭ يۈەنلىك مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 1955-يىلى تۇغۇلغان شۇ جېيى ئەرزىيەت سىستېمىسىدا ئۇزاق يىل ئىشلىگەن كادىر ئىكەن.
دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 1989-يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى گوۋۇيۈەن ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە مۇدىر بولغان. 2000-يىلى سېنتەبىر گوۋۇيۈەن ئەرزىيەت ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، 2005-يىلى ئىيۇندىن 2013-يىلى پاش بولغۇچە گوۋۇيۈەن ئەرزىيەت ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان.
2004-يىلىدىن باشلاپ مەركەزدىكى كۆپ ئورۇنلار ئاخبارات باياناتچىسى تۈزۈمىنى ئورناتقان. شۇ قاتاردا شۇ جېيىمۇ ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ تۇنجى ئاخبارات باياناتچىسى بولۇپ قالغان. 2005-يىلى ئۇ ۋەزىيەت تەرتىپىنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش ھەققىدە سۆز قىلغاندا «ئەرزىيەت تەرتىپى ۋە خەلق مەنپەئىتىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش» توغرىسىدا توختالغان. بىراق ئاخبارات باياناتچىسى بولغاچقا ئاشكارە سورۇنلاردا بەك كۆپ ئوتتۇرىغا چىقىپ كەتمىگەن. سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، شۇجىيى 2006-يىلىدىن 2013-يىلغىچە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، بەزىدە شېرىكلىشىپ بەزىدە يالغۇز مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئەرزىيەت سانلىق مەلۇماتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ياكى بىر تەرەپ قىلىپ ۋە كەسىپلەرنى ھۆددىگە بېرىپ، قارشى تەرەپتىن پارا ئالغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ قوبۇل قىلغان ئومۇمىي مال-مۈلۈك قىممىتى 5 مىليون 500مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن.
2008-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئەمىلىنىڭ كۈچى ۋە نوپۇزىغا تايانغان شۇ جېيى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇلۇش ھۆددىگە بېرىش قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق جەمئىي 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 15-ماي، ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتى پىسكاتاۋاي، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما روگس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە ئۇنىڭغا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved