بەك پاكىزلىق بالىلارنى ئوڭاي كېسەل قىلىدۇ

     تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بولسىمۇ، بالىلاردا كېسەل كۆپىيىپ قالدى. شۋېتسىيە بالىلار كېسىلى مۇتەخەسسىسى بىلكىستىن: بالىلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش مۇھىتى ناھايتى پاكىز بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، ئوڭاي رېئاكسىيە بېرىش ، تېنى ئاجىزلاش– پەيدىنپەي پەيدىنپەي باياشاتلىق كېسىلىگە ئايلانماقتا، دېدى.

1. تەبئىي تۇغۇلغان بالىنىڭ تەن ساپاسى ئانىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇلغان بالىدىن ياخشى بولىدۇ. چۈنكى تەبئىي تۇغۇلغان بالا تۇغۇش يولىدىكى باكتېرىيە بىلەن ئۇچرىشىپلا قالماي، يەنە ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيە بىلەنمۇ ئۇچرىشىدۇ. بۇنداق مۇرەككەپ مۇھىت ئۇلاردا ئاشقازان يولى باكتېرىيە توپىنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق.

2. كۆپ دېزىنفېكسىيە قىلىنغان ئۆيدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ تېنى ئاجىز كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۈستەلنى پاكىز سۇدا سۈرتىۋەتسىلا كۇپايە، ئېمىزگە يەرگە چۈشۈپ كەتكەندە، تۇربا سۈيىدە چايقىۋەتسەكلا ياكى چوڭلار ئاغزىغا سېلىپ بىر قېتىم شوراپ قويسىلا بولىدۇ.

3. ئەگەر سىزدە سىل كېسىلى دېگەندەك ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بولمىسىلا، بالىڭىزنى سۆيگىڭىز كەلسە سۆيۈۋېرىڭ.

4. بىرەر نەرسە يېگەندە زىيادە ئېھتىيات قىلىپ كەتمەڭ. بالىڭىز بىرەر نەرسە يەپ زىيان قىلىپ ، ئاددىي رېئاكسىيە قىلسىلا، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نەرسىنى بالىڭىزغا يېيىشنى چەكلىمەڭ. چۈنكى بۇنداق نەرسىلەرنىڭ زىيان قىلىشى كۆپىنچە ھاللاردا بىر قېتىملا بولىدۇ، بالىڭىز ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن يەنە سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدىمۇ زىيان قىلسا، يەنە قايتىدىن سىناپ بېقىڭ.

بىلكىستىن مۇنداق دېدى: تۇرمۇشتىكى كۆپ ساندىكى باكتېرىيە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەكىسچە ئاتا – ئانا بالىلىرىنى زىيادە ئاسراپ بېقىشى دەل ئەكىسچە نەتىجە بېرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
01-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
Powered by Leglek