ئايۆ ئۇچىسىغا ئۆزى لايىھەلىگەن كىيىمنى كىيىپ ناخشا ئېيتتى
«مەن ناخشا مەستانىلىرىمغا ئۆزۈمنىڭ بېرمىدا بولساممۇ بىراق ناھايىتى ئۇلۇغ غايىگە ئىگە ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويماقچى».
24 ياشقا كىرگەن ئايۆ بىر ئاددىي بېرمىلىق قىز، شۇنداقلا جەمئىيەتتە نۇرغۇن غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ناخشىچى. بىر مۇتەئەسسىپ دۆلەتتە، ئېنگىلىزچە ۋە بېرمىچە ئىككى خىل تىلدا ناخشا توۋلىيالايدىغان ئايۆ ئەنئەنىۋى چەكلىمىلەرگە جەڭ ئېلان قىلغان.
«خاففىڭتون پوچتا گېزىتى» نىڭ رانگوندا دائىمىي تۇرۇشلۇق فوتوگرافى Ann Wang ئايۆنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلدى. «ئۇنىڭ قەلبىگە يەنىلا بېرمىچە تەپەككۈر يوشۇرۇنغان، بىراق تاشقى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئايۆ بېرمىلىق قىز، بىراق ئۇ ئەنئەنىۋى چەكلىمىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، يېڭى ئېقىمنى باشلاپ كىردى. ئۇنىڭ بەدىنىدە يېڭى بېرما بىلەن كونا بېرما ئېلىمېنتلىرى يوشۇرۇنغان، ئۇ بېرما جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنىڭ ۋەكىلى». بۇ Ann Wang نىڭ بۇ بۇ ئاجايىب مۆجىزىلىك قىزغا بەرگەن باھاسى.
«كىيىنىشلىرى بەكلا ئوچۇق بولغاچقا» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سىن لېنتىسىنى كېسىۋەتتى.
«شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ رىھانناسى» دەپ نام ئالغان ئايۆ بېرمىدا ئالامەت ئالقىشلانغان ناخشىچى. ئۇ ئۇچىسىغا پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇرىدىغان، ئۇزۇن يوللۇق، بەدىنىگە چىپپىدە كېلىدىغان كىيىم كىيگەن، لېۋىگە قېنىق گىرىم قىلغان ھالدا سەھنىدە ناھايىتى خوشال ھالدا كىندىك ئۇسسۇلى ئوينايدۇ.
«خاففىڭتون پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قىز سەھنىدە ئالامەت شوخ ناخشىلارنى ئېيتقان، ياشلارمۇ بۇ ناخشىنى ناھايىتى ئالقىشلاپ، چاۋاك چېلىشقان، كېيىن مەيدانغا چىققان، يامايكالىق ناخشا چولپىنى سىئان كىڭستونمۇ مۇنچىلىك چاۋاك سادالىرىغا، ئالقىش سادالىرىغا ئېرىشەلمىگەن.
بىراق، بېرما دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان «T ئىستانسىسىنىڭ ئاياللار يۈرۈشلۈك مودا مۇزىكىلىرى» پروگراممىسىدا مۇنداق مودا ناخشىلارنى ئاڭلىغىلى بولمايدىكەن.
ئايۆنىڭ ناخشىسى بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن بىۋاسىتە كېسىۋېتىلگەن. ئۇ ئۆزى مۇنداق چۈشەنچە بەردى، بۇنىڭدىكى سەۋەب «بېرمىنىڭ تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەر بۇنداق نومۇر ئۆرپ- ئادەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەپ قارايدۇ.
«ئۇلار مېنى كەمسىتىدۇ، چۈنكى مېنى كىيىنىشى بەك ئوچۇق دەپ قارىشىدۇ» ئايۆ رانگوندا Skype ئارقىلىق «خاففىڭتون پوچتا گېزىتى» مۇخبىرىغا شۇنداق دېدى.
«خاففىڭتون پوچتا گېزىتى» خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى، بېرمىدا بۇرۇن يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت قوللانغان ھەربىي ھاكىمىيەت 50 يىلدەك يۈرگۈزۈلگەن. بىراق 2011 – يىلدىن باشلاپ، سىياسىي ئىسلاھات، ئىقتىسادىي ئىسلاھات دولقۇنى پۈتكۈل دۆلەتنى قاپلاپ، بېرما جەمئىيىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولغان، بېرمىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. باشقا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ كۈچەيگەن، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ سانى كۆپەيگەن، بۇ ئۆزگىرىشلەر شۇ يەرنىڭ مودا مەدەنىيىتى، ياشلار مەدەنىيىتى، مۇزىكا ۋە سەنئىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا ئاخبارات تور بېكىتى «كۈندىلىك ياۋايىلار» نىڭ 2012 – يىلدىكى بىر خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن، «ناخشىلارنى قايتا ئېيتىش» بېرمىدا نەچچە يىل بۇرۇن «بىردىن بىر مودا بولغان ناخشا ھېسابلىناتتى». بۇ ناخشىلارنىڭ رېتىمىغا ئاساسلىقى براننى، شىلىن دىئان ياكى كورىيەلىك چولپانلارنىڭ مۇزىكىلىرى سەپلىنىپ، ئاندىن بۇنىڭغا بېرمىچە ناخشا تېكىستى قوشۇپ ئېيتىلاتتى. بىراق 2012 – يىل، بېرمىدا ئەڭ بازار تاپقان ناخشا چولپىنى Phyu Phyu Kyaw Thein «سىدنى ئەتىگەنلىك گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن، «مەن دائىم ناخشا تېكىستىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىمەن».
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved