جاھان ئاگېنتلىقى 23-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى نىفىت مەنبەلىرىنى كونتروللىقىغا ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ يېڭى نىشانىنىڭ لىۋىيەدىكى نىفىت مەنبەلىرى ئىكەنلىكى ئنىقلاندى. لوندوندىكى ياۋرۇپا تاشقى ئالاقە كومىتىتىنىڭ لىۋىيە مەسئۇل خادىمى ماتتىلا تولدو مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ،« نىفىت مەنبەلىرىنى كونترول قىلىش ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ خاراكتىرىدە بار» دېدى. ماتتىلا يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ لىۋىيەدە نىفىت كويىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئۈچ پاكىت بارلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى ھۇجۇملىرىدىن بىرى توبرۇكتىكى ھارىگا ئىكسپورت پورتى، يەنە بىرى توتال شىركىتى ئىشلەتكەن مابرۇك نىفىت مەيدانى. يېقىنقى ھۇجۇملىرىدىن بىرى بولسا دۆلەتنىڭ نىفىت يۇلتۇزى دىيىلگەن رايۇننىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى «سىرتە» دە ئېلىپ بېرىلدى. ھازىرغا قەدەر لىۋىيەدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەرقانداق بىر نىفىت مەيدانىنى كونترول قىلغانلىقىغا دارئىر مەلۇمات يوق، ئەمما يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى مەزكۇر تەشكىلات بۇ ھەقتە مۇھىم ئىلگىرلەش ھاسىل قىلدى» دەپ سۆز قىلدى.
نىفىت ئىمپراتورلۇقى ۋەيران بولماقتا
كالىفورنىيەدىكى پوست كاربون ئىنىستىتۇتىنىڭ لىۋىيە تەتقىقاتچىسى رىچاد ھىنبېرگمۇ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەدىكى ھۇجۇملىرىنى نىفىت مەنبەلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ تەھلىل قىلدى. ھىنبېرگ يەنە « رايۇننىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئۈچۈن خۇددى ئىراق ۋە سۇرىيەدە بولغاندەك ئىقتىساد، سىياسىي ۋە سىمۋول نوقتىسىدىن ئىستىراتىگىيەلىك ۋە مۇھىم رايۇن ئىكەنلىكىنى» تەكىتلىدى. ھىنبېرگ يەنە؛ رافىنە نىفىتىنىڭ تەشكىلاتنىڭ لىۋىيەدىكى ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم بىر مەنبە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى؛« تەشكىلات ئوخشاش لوگىكىدىن ئېيتقاندا ئىراقتىكى كۈرت رايۇنىنىڭ ۋە كەركۈكنىڭ نىفىت مەيدانلىرى ۋە قۇدۇقلىرىنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇندى،ھېلىمۇ ھەم ئۇرۇنىۋاتىدۇ، بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا پارلامنت ۋە ئاقساراي ھازىر بۇتېمىدا توختىلىۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ لىۋىيە، ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى مۇداخىلىسى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئۈچۈن تۇنجى بوشلۇقنى شەكىللەندۈرگەن ۋە ئورۇنلىشىشىغا ئىمكان ياراتقان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە غەرب كۈچلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرمىدىم، پۈتۈن بۇلارغا 20-ئەسىردىكى نىفىت ئىمپراتولۇقىنىڭ ۋەيران بولۇشى دەپ باھا بېرىش مۇمكىن» دېدى
لىۋىيە توبرۇك ۋەكىللەر مەجلىسى ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئەددەيرى ئۆتكەن ھەپتە ب د ت خەۋىپسىزلىك كومىتىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن لىۋىيە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، لىۋىيەدە قوراللىق تېرورچى گۇرۇپپىلارنىڭ لىۋىيەدە ئورۇنلىشىشىغا ۋە نىفىت ئىكسپورت پورتلىرىنى ئىگەللەشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ب د ت باش كاتىبىنىڭ لىۋىيە مەخسۇس ۋەكىلى بېرناردىنو لىئون، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ 21 مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە نىفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە قارىتا ھۇجۇملىرى تەشكىلاتنىڭ لىۋىيەدە تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ دىگەن. ؛
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved