شىنخۇا تورىنىڭ 5-ئايىنڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى،دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭ 16-چېسلا ئالدىن كىلىشىپ تۈركىيە پىرىزدېنتى گۈل بىلەن تېلفۇندا سۆزلەشكەن.
گۈلنىڭ بىلدۈرىشچە،نەچچە كۈن ئىلگىرى تۈركىيەدە ئېغىر كۆمۈر كان پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.كان ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن ،مەن تېزلا رەئىس شىجىنپىڭنىڭ ھال سوراش تېلگىراممىسنى تاپشۇرۋالدىم. مەن پۈتۈن تۈركىيە خەلقىگە ۋەكىل بۇلۇپ بۇنىڭغا قارىتا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن.
گۈل يەنە تۈركىيە تەرەپنىڭ كان ۋەقەسىدىكى ئەڭ يېڭى قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ھەمدە تۈركىيەدە بۇ جىددى ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ جۇڭگۇغا زىيارەتكە بېرىپ ئاسىيا قىتئەسى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرى يىغنىغا قاتنىشالمىغانلىقىدىن خىجىل ئىكەنلىكنىمۇ بىلدۈرۈگەن.
شىجىنپىڭ بىلدۈرۈپ،بۇ قېتىمقى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ئېغىر دەرىجىدىكى كان ۋەقەسىگە قارىتا مەن يەنە بىر قېتىم پۈتۈن جۇڭگو خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىپ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ۋە ياردارلارغا چوڭقۇر ھال-سوراش سۆزنى يوللايمەن.تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كان ۋەقەسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشنىمىز.
جۇڭگو تەرەپ تۈركىيەنىڭ تەلپىگە ئاساسەن ھەر قاچان جىددى ياردەم بىرىشكە تەييار.مەن بۇ قېتىم سىزنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كىلىپ ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ يىغنىغا قاتنىشالمىغانلىقڭىزنى چۈشنىمەن.ئىككى تەرەپكە قۇلايلىق ۋاقىتتا سىزنىڭ زىيارەتكە كېلشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
شىجىنپىڭنىڭ بىلدۈرىشچە،كىلەر ھەپتە جۇڭگو تەرەپ تۈركىيەنىڭ قولىدىن ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشنىش يىغنىنىڭ رەئىس دۆلەتلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۋالىدۇ .بىز شۇنىڭغا ئىشنىمىز،ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىر يولدا تىرشىشى نەتىجىسدە بۇ قېتىمقى يىغىندا ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ يېقىنلىشىپ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ تىنىچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
گۈل بىلدۈرۈپ تۈركىيە تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋتىگە يۇقىرى دەرىجىدە دىققەت قىلىدۇ، ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن جۇڭگونىڭ شاڭخەيدە ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشنىش يىغنىنى ئۇيۇشتۇرشىنى قوللايدۇ.
تۈركىيە تەرەپ ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئۆز-ئارا ئىشىنىش سۇپسى ئارقلىق جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved