ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 13-ماي بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ 2-نومۇرلۇق كاتتىبېشى ئەبۇ ئەلا ئافرى شۇ كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېتىپ تاشلاندى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: توغرا ئاخبارات دوكلاتىغا ئاساسەن، ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلغان خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نېنەۋى ئۆلكىسىنىڭ تافائار بازىرىدىكى بىر مەسچىتتە يىغىن ئېچىۋاتقان ئىراق ۋە شام ئسىلام دۆلىتىنىڭ 2-نومۇرلۇق كاتتىبېشى ئەبۇ ئەلا ئافرى ۋە ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى ئېتىپ تاشلانغان. ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقنىڭ تور بېكىتىدە يەنە ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ۋىدېيوسى كۆرسىتىلىپ سۈرئەتتە بۇ مەسچىتنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ۋەيران قىلىنغانلىقى ئايان بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved