مىلان ھەققىدە سىز بىلمەيدىغان 10 تۈرلۈك ئىش

1899-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى مىلان پۇتبول كۇلۇبى دېگەن ئىسىم «مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» دە رەسمى يوسۇندا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 116 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە «مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» مىلان كوماندىسىغا ئائىت پۇتبول مەستانلىرى ئانچە بەك بىلىپ كەتمەيدىغان 10 تۈرلۈك ئىشنى ئېلان قىلدى.

1-مىلاننىڭ كىيىمىدىكى قىزىل، قارا رەڭلەرنىڭ كېلىش مەنىسى


بۇ رەڭلەر ھەرگىز خالىغانچە تاللانغان ئەمەس. قىزىل رەڭ پۇتبولچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قارا رەڭ بولسا رەقىبلىرىنىڭ مىلان كوماندىسىغا يولۇققان چاغدىكى ۋەھىمىىسنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى خىل رەڭنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاللىغۇچىسى كوماندىنى قۇرغۇچى ھەم تۇنجى نۆۋەتلىك كوماندا باشلىقى ھېبوت جېر. خەلقئارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان مىلان كوماندىسىنى قۇرغۇچىسى فېرىد ئىدۋارىد، بىراق ئەنگلىيە پۇتبول قامۇسىدا ھېبوت جىر مىلان كوماندىسىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ خاتىرىلەنگەن. ئۇ كىيىمنى لايىھەلىگەندە چۈشەندۈرۈپ «بىزنىڭ رەڭگىمىز قىزىل رەڭ، چۈنكى بىز ئالۋاستى، بىزنىڭ رەڭگىمىز قارا، چۈنكى بىز ھەر بىر رەقىبىمىزنى قورقۇنچقا سالىمىز» دېگەن.


2-مىلان كوماندىسىغا ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان كىشىلەر

مىلان كوماندىسىغا ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان ھوجۇمچىلاردىن ھازىر تېخى كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرمىغان دىناتالې بار، ئۇ 24 مەيدان مىلان كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 12 توپ ئۇرغان، 4 ياردەمچى پاس بەرگەن. لېكىن دىناتالېدىنمۇ كۆپ توپ ئۇرغان پۇتبولچى كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان پارما ۋە فىلورىنسا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى جىيسا، ئۇ 20 مەيدان مىلان بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 14 توپ ئۇرغان.

3-نۇقتا توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى پۇتبولچى

ۋەن باستىن دېگەن بۇ ئىسىم باشقىلارغا نىسبەتەن ناتونۇش بولمىسا كېرەك، ئۇ مىلاندىكى كەسپىي ھاياتىدا 124 توپ ئۇرغان بولۇپ مىلاننىڭ مەرگەنلەر قاتارىدا 7-ئورۇندا تۇرىدۇ. ۋەن باستىن 26 نۇقتا توپتىن پەقەت 2 نىلا ئۇرالمىغان.

4-ئەڭ كۆپ توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتى.

پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇم پۈتۈن سەپ بويىچە مۇداپىئە پۇتبولىنىڭ ۋەكىلى بولغان مىلاننىڭ مۇداپىئە سىپىدىمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان نەتىجىسى بار. 1993-1994-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە روسى 34 مەيدان مۇسابىقىدە 22 مەيدان بىرمۇ توپ كەتكۈزمىگەن ھەمدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 929 مىنۇت توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتىنى ياراتقان ھەم دىنو زوفنىڭ 1973 يىلى ياراتقان بۇ تۈردىكى رېكورتىنى بۇزۋەتكەن.

5-يەككە مەيداندا ئەڭ كۆپ ئۇرۇلغان توپ

1972-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى مىلان كوماندىسى بىلەن ئاتلانتا كوماندىسى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ مىلان كوماندىسى 9-3 ئاتلانتا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ 12 توپ كىرگەن مۇسابىقە ئىتالىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈلگەن مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ.

6-ئىبراھىموۋىچمۇ ئېشىپ كېتەلمەيدىغان تاغ-نودال

   ئىبراھىموۋىچنىڭ يۇرتىدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن نودال 1949-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە ئۇدا ئىتالىيە بىرلەشمىسىنى ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىنى ئالغان، ئۇ ھەم مىلان كوماندىسىنىڭ تارىخىدىكى ئۇرغان توپى ئەڭ كۆپ ماھىر بولۇپ 221 توپ بىلەن مىلاننىڭ مەرگەنلەر قاتارىدا 1-ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.

7-ئوتتۇرىچە يېشى ئەڭ چوڭ سەپ شەكىلى ۋە ئەڭ كىچىك سەپ شەكىلى.

    ياش گەرچە بىر سان بولسىمۇ لېكىن ھازىر پۇتبول كوماندىسىنىڭ سەپ شەكىلىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ياش قۇرۇلمىسىنىڭ تەكشىلىكى ۋە مۇۋاپىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. لېكىن مىلان كوماندىسى ئىلگىرى ياش قۇرۇلمىسى پەۋقۇلادە چوڭ ۋە كىچىك سەپ شەكىلىنى مەيدانغا چىقىرىپ باققان. ئەنچىلودى 2009-يىلى 5-ئايدا كاتانىيە كوماندىسى بىلەن بولغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە مىلان كوماندىسى تارىخىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ سەپ شەكىلىنى مەيدانغا چىقارغان. كوماندىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 33. 2 ياش، ھۇجۇمچى ئىنزاگى 35 ياش، ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى شىدورف 33 ياش، مىلان كوماندىسىنىڭ كاپىتانى مالدىنى بولسا 40 ياش. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئىنزاگى ۋە كاكانىڭ كىرگۈزگەن توپىغا تايىنىپ مىلان كوماندىسى 2-0 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلغان. 1982-يىلى 4-ئايدىكى رىنايا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مىلان كوماندىسى ئوتتۇرىچە يېشى 22. 7 ياش بولغان سەپ شەكىلىنى مەيدانغا چىقارغان. 19 ياشلىق ئەيۋىنى ۋە 21 ياشلىق بارسىنىڭ ئېسىل ئىپادىسى بىلەن مىلان كوماندىسى 2-1 غەلىبە قىلغان.

8-مىلان كوماندىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسى

مىلان كوماندىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسىنىڭ ھەممىسىنى گالىيانى ئۆزى بىر قوللۇق پۈتتۈگەن. روي كوستا 49 مىليون 700 مىڭ ياۋرولۇق باھا بىلەن فىلورىنسا كوماندىسىدىن مىلان كوماندىسىغا قېتىلغان. بۇ مىلان تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىپ كىرىش باھاسى.


كاكا 2009-يىلى 65 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن مىلاندىن مادرىدقا يۆتكىلىپ مىلان تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش باھاسىنى ياراتقان.

9-بىلرۇسكىنى

مەيلى كىم بولسۇن بولمىسۇن مىلان كوماندىسى تىلغان ئىلىنسىلا مىلان كوماندىسىنىڭ رەئىسى بىلرۇسكىنىنى ئەسكە ئالماي قالمايدۇ. ئىتالىيە تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق كارخانىچىلارنىڭ بىرى بولغان بۇ كىشى 1986-يىلى مىلان كوماندىسىنى ئۆتكۈزۋىلىپ مىلاننى ۋەيران بولۇش گىرۋىكىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلدى ھەم نۇرغۇن مەبلەغ چىقىرىپ ساجى قاتارلىق داڭلىق مەشقاۋۇللارنى ھەمدە يۇقىرى سەۋىيەلىك پۇتبولچىلارنى تەكلىپ قىلدى. بىلرۇسكىنى مىلاننى ئۆتكۈزۋالغان بىرىنچى يىلى ھوللىۋۇتچە ئىچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ مەيدان مەركىزىگە چۈشكەن، نەق مەيداندا بولسان گېرمانىيەنىڭ داڭلىق مۇزىكانتى ۋاگىنانىڭ ئوپېراسى «ئايال ئىلاھ» ئورۇندالغان.



خەتكۈچلەر:
19-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
Powered by Leglek