16–ئۆكتەبىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندا ، ئامېرىكا دۆلەت سەھىيە تەتقىقات ئورنى قارىمىقىدىكى زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق كېسەل تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئانتونى فوچ (سولدا) ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى . ئانتونى فوچ يىغىندا دونكانغا قاراش جەريانىدا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان سېسترا نىنا ۋاننىڭ 16–ئۆكتەبىر كەچتە دۆلەت سەھىيە تەتقىقات ئورنى كىلىنىكا تەتقىقات مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلىپ ، ‹‹ئەڭ ئىلغار سەۋىيەدىكى داۋالاشنى قوبۇل قىلىدىغان ›› لىقىنى ئېيتتى .
دۆلەت سەھىيە تەتقىقات ئورنى ماريلاند ئىشتاتىنىڭ بېزېستاغا جايلاشقان بولۇپ ، ۋاشىنگىتوندىن ئاپتوموبىل ئارقىلىق بىر سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ . ئامېرىكىدا بايقالغان تۇنجى ئېبۇلا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچى دونكاننى داۋالاشتا خاتالىق كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ، شۇ كۈنى ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتى پىرېسبىتېرىئان دوختۇرخانىسى تۇنجى قېتىم ئوچۇق–ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved