ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنىڭ موھىملىقىغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماڭ.ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشى ئىناق بولغان ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى بولۇپلا قالماستىن،جەمئىيەت مۇقىملىقىغىمۇ پايدىلىق.پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشى ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ،ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.ھازىر كۆپلىگەن ئائىلىلەر قوش خىزمەتچىلەر ئائىلىسى.ئەر ئايال ئىككىلى تەرەپ سىرتتا بىر كۈن جاپالىق ئىشلەپ ناھايتتى چارچايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە ئىشلىرىنى نوقۇل ئاياللارلا ئۈستىگە ئېلۋالماسلىقى كېرەك،
ئەرلەر خىزمەتتىن سىرت ۋاقىتلاردا كۆكتات سېتۋېلىش،تاماق ئېتىش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىنى زىممىسىگە ئېلىپ،ئايالى بىلەن ئورتاقلىشىش كېرەك.بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن ئايالنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى،يەنە بىر تەرەپتىن ئەرلەرنىڭ ئائىلە باشلىقى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشى ئاددى بىر جىسمانىي ئەمگەك بولۇپ قالماستىن ،بەلكى ئايالىغا بولغان
كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئىپادىسىدۇر.كۆپلىگەن ئەرلەر بىز سىرتتا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ناھايتتى جاپا چېكىمىز،شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغۇدەك ۋاقتىمىز ھەم زېھنىمىز يوق دەپ ئويلايدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر باھانى.بەزى ئەرلەر،بىز كەسىپتە مۇۋاپىقىيەت قازابساق ،ئائىلىدىكىلەرگە يېتەرلىك پۇل بەرسەكلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.لىكىن ئۇلار ئايالى ۋە باللىرىنىڭ روھى ۋە ھېسيات جەھەتتىكى ئېھتىياجىنىڭ پۇل ئارقىلىق تولدۇرغىلى بولمايدىغانلىقىغا سەل قارايدۇ.
ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشى ئەمەلىيەتتە ئۆز كەسپىنىڭ داۋاملىشىشىدۇر.بىر ئەر كەسىپ جەھەتتە قانچە پارلىغانسىرى،ئائىلىسى ئىناق بولماي قالىدۇ،شۇنداقلا كىشىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر خىل كەمتۈكلىكىنى ھېس قىلىدۇ.ئەرلەر چوقۇم ئائىلىسىگە قايتىشى،ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىشى،كۆپرەك ۋاقتىنى ئائىلىسىگە ،ئايالى ۋە باللىرىغا بېرىشى ،تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئايالىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى ،ئائىلە باشقۇرۇش ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەڭ مۇئامىلىدە بولىشى كېرەك.ئۇنىڭدىن سىرت ،كۆكتات سېتۋېلىش،تاماق ئېتىش،ئۆي تازلاش،كىر يۇيۇش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىمۇ بىرخىل تەنھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.دائىم ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا بەدەن چېنىقتۇرۇش ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغاندا ،كۆز،ئېغىز،مېڭە،قول ئىشلىتىلىدۇ،بۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى،ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،ئاشخانا ئۆيگە كىرىشنى ياخشى كۆرىدىغان ،بولۇپمۇ ئۆز قولى بىلەن ئوخشۇتۇپ بىر نەچچە خىل قورۇما قورۇيالايدىغان ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەقلىي بۆلۈنمىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن،چۈنكى بۇنداق ئەرلەر ئائىلىسىدىكىلەرنى چۈشىنىدۇ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرالايدۇ،شۇنداقلا مېھىرگە تولغان ئىناق بىر ئائىلە بەرپا قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.شۇنداق دەپ ئېيتىمىزكى،كونا جەمىئيەتتىكى ئەرلەر ئائىلە ئىشلىرىنى قىلسا بولمايدۇ دەيدىغان شۇ خىل ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved