كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئاسرىشى ئۆلچەمگە يەتمىسە، قەرز ئالالمايدۇ

 بۇنىڭدىن كېيىن كارخانىلار ئېنېرگىيە تېجەپ، مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە يەتمىسە، بانكا بۇ كارخانىلارغا قەرز بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ، ھەتتا قەرز بەرمەيدۇ. 
مۇخبىرنىڭ 20- ئىيۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا شىنجاڭ بانكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى ئۇچۇر ئالاقىسى ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇنىڭدىن كېيىن مۇھىت ئاسراش نازارىتى شىنجاڭ بانكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنى مۇھىت ئاسراش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارنىڭ ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ھەم قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاپ تەستىقلاش ۋە «ئۈچنى بىرلا ۋاقىت» تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۇچۇرى قاتارلىق مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى؛ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بۇلغىما ئازايتىش كۆرسەتكۈچى يىللىق (يېرىم يىللىق) مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى؛ نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ بۇلغىما ئازايتىش ئەھۋالىنى؛ شىنجاڭدىكى مۇھىت ئاسراش ئەھۋالى ياخشى ياكى ناچار بولغان كارخانىلارنى؛ مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارنىڭ تۈزىتىش ئەھۋالى ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا تەمىنلەپ تۇرىدۇ.
شىنجاڭ بانكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى بۇ ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، رايون تەۋەسىدىكى خاس ئاپپارات ۋە بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش توغرىسىدىكى ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ھەرقايسى جايلاردىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مۇھىت ئاسراش ئۇچۇرىنى قەرز باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساس قىلىدۇ. قەرز بېرىشنى تەستىقلىغاندا، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، ئېنېرگىيە تېجەپ، مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن كارخانىلارغا ئاسان قەرز بەرمەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
28-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek