جۇڭگۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
3-ئاينىڭ4-كۈنى ئۇنۋېرسال خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە،ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋىتىپتۇ، روسىيە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا قاتارلىق دۆلەتلەر يەنىلا ئۆزئارا كۈچ سىنىشىشۋېتىپتۇ. ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە روسىيە ئۇكرائىنىيىگە ئەسكەر كۆپەيتىۋېتىپتۇ، قىرمىرغا يەنە 20گە يىقىن ھەربىي ئايروپىلان بىلەن بىللە چېگرا رايونلىرىغا ئاز بولمىغان بىرونېۋىكلارنى كۆپەيتىپتۇ . روسىيە ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قوللىمايدىغانلىقىنى، ياكونوۋىيچىنىڭ يەنىلا ئۇكرائىنىيىنىڭ قانۇنلۇق زۇڭتۇڭى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق قىلىپ كۆرسەتتى. روسىيە ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنىيىگە ئەسكەر ئەۋەتىشى پەقەتلا روسىيە پۇقرالىرىنى قوغداش ھەمدە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئامېرىكا بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە روسىيىنى سەككىز دۆلەت گۇرۇھىدىن چىقىرىۋېتىشكە تەمشەلدى. روسىيە يۇقىرى پالاتا كومىتېتى بولسا روسىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئىككى دۆلەت ۋەزىيىتى بولسا تېخىمۇ كەسكىنلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved