سىنودىن: ئامېرىكا QQ ۋە ئۇچقۇر خەتلەرنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلايدۇ

ئېدۋارد سنوۋدىن ( Edward Snowden ) غەربى جەنۇپ (SXSW)چوڭ يېغىنىدا زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان. ھەمدە بىر قاتار ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ( NSA ) غا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش پىلانىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلىغان.

 

بۇ ھۆججەتلەرنىڭ مەلۇم بېتىدىن تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئالاقە يۇمشاق دېتالى بولغان QQ ۋە جۇڭگۇ كۆچمىسىنىڭ دەل ۋاقتىدا ئۇچۇرلاشقىلى بولىدىغان ئالاقە قورالى ئۇچقۇر خەت (飞信) مۇ NSA ئىدارىسىنىڭ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش دائىرىسىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

 

بۇ ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە NSA شىركىتى 2010- يىلىدىن باشلاپ TURBINE ناملىق چوڭ كۆلەملىك ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش پىلان تۈرىنى باشلىغان بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا تاللاش خاراكتېرلىك ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ تۈر NSA نىڭ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئوبىكىتلارنى ئاپتوماتىك تەڭشەپ ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېنىقلاپ بېرىدىكەن، ھەم تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش دائىرىسىنى كىچىكلىتىدىكەن.

 

 ئابونتنىڭ ئىشلەتكەن ئەسۋابىغا ئوڭۇشلۇق كىرگەندىن كېيىن،TURBINE ئابونتنىڭ ئەسۋابىدىن ھەرخىل ئۇچۇرلارنى يېغىۋالالايدۇ،  بۇ ئۇچۇرلار ئەسۋابنىڭ قاتتىق دېسكا IDسى، كۆك چىش ئۇچۇرى، Google ، ئالما ئېلانچىلىق ئىتتىپاقى ئېلان ئۈچۈن نورمال ئۇسۇلدا يېغقان ئابونىتلارنىڭ ھەرخىل ئۇچۇرلىرى ( بۇ ئۇچۇرلار ئېلانچىلىق ئىتتىپاقى قانۇنلۇق يېغقان ئۇچۇرلار، بىراق NSA شىركىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئىشلىتىلىدۇ) ھەمدە بىر نەچچە دائىم ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللارنبڭ يەرلىك ئابونت ھۆججەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ( QQبىلەن ئۇچقۇر خەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)

 

يېغىش تاماملانغاندىن كېيىن، TURBINE بۇ ئۇچۇرلارنى بىر يەرگە يېغىپ رەتلەيدۇ، ئاندىن بىر نىسپىي بىرقەدەر تولۇق بولغان شەخسنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تەپسىلى سۆزلىگەن ھۆججەت شەككىللەندۈرىدۇ، ھەمدە داۋاملىق ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش كېرەكمۇ ياكى توختىتىش كېرەكمۇ ، ياكى بولمىسا ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىش كېرەكمۇ دېگەنگە پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالىدۇ.

 

ئىنتېركېپت (Intercept) تورىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، مەزكۇر پىلان ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان پۈتۈن يەر شارى تەۋەسىدە تەخمىنەن 85000 دىن 100000 غىچە كومپىيۇتېرلارغا ھۇجۇم قىلغان.

 

بىراق Facebook ئاخبارات ئېلان قىلغۇچىسى جاي نانكارو ( Jay Nancarrow ) بۇ ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا قەتئىي ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:« ھېچقانداق پاكىت ئېلان قىلىنغان بۇ قىلمىشنىڭ راستىنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىسپاتلىيالمايدۇ. ھۆججەتتىكى Facebook قا قارىتا قىلىنغان ھۇجۇم ئۇسۇلى، ئالدىنقى يىلى پۈتۈن بېكەتنىڭ HTTPS كېلىشىمىنى ئىجرا قىلغاندىكى Facebook ئىناۋەتسىز دەپ بېكىتىلگەن.»

 

پەن تېخنىكا تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى



خەتكۈچلەر:
14-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     «خېلسىنكى خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوستون مەسلىھەتچىلىك گوروھىنىڭ يېقىندىكى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، ئېلىكترونلىشىش ۋە ماشىنا ئادەم فىنلاندىيە...
27-05-2016
بېتا تورىنىڭ 27-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     قىسقا ئۇچۇر بىر مەھەل جۇڭگودا ئەڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى بولدى، ئەمما كۆچمە ئىنتېرنېت تورىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈندىدار...
Powered by Leglek