پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 22:30 ئۆتكەندە گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 20-ئايلانمىسىدا دورتمۇند كۇلۇبى مېھمان مەيداندا فرەيبۇرگ كۇلۇبى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى. بۇ مۇسابىقە ھېسابتا سېرىق ھەرە دورتمۇند كۇلۇبى ئۈچۈن دەرىجە چۈشۈرىلىشتىن ساقلىنىش جېڭىنىڭ باشلىنىشى دېسىمۇ بولىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دورتمۇند كۇلۇبىدىن روس بىر توپ كىرگۈزدى ۋە بىر ياردەمچى پاس بەردى. ئاۋبامىياڭ ئىككى توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا 3-0 نەتىجە بىلەن فىرەيبۇرگ كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ نومۇر تاختىسىنىڭ كەينىدىن سانىغاندا بىرىنچى ئورنىدىن قۇتۇلدى.
9 مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ بېكى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ئاۋبامىياڭ ياردەمچى پاس بەردى ، روس توپ كىرگۈزدى. نەتىجە 1-0 بولدى.
57 مىنۇت بولغاندا روس كەسمە توپ تاشلىدى. ئاۋبامىياڭ ۋاراتارغا يالغۇز ھۇجۇم قىلىپ توپنى كىرگۈزدى. نەتىجە 2-0 بولدى.
72 مىنۇت بولغاندا كاگاۋا ھېچقانداق ئادەم باقمىغان ئاۋبامىياڭغا ياردەمچى پاس بەردى. ئاۋبامىياڭ توپنى كىرگۈزدى. نەتىجە 3-0 بولدى.
ئاخىرىدا دورتمۇند كۇلۇبى روس ۋە ئاۋبامىياڭنىڭ قالتىس ئىپادىسى ئارقىلىق ئۇدا بەش مەيدان ئۇتالماسلىققا خاتىمە بەردى. بۇ مەيدان مۇسابىقە بىزگە دورتمۇند كۇلۇبىنىڭ ھەقىقى ئەسلىنى كۆرسىتىپ بەردى.
دورتمۇند كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-ۋېددىنفىللىر.
26-پىشچۇك.
4-سۇربودىك.
15-خۇملېس.
29-سىمېرس.
8-گوندۇگان. ( 79′ كىنتېل )
18-ساخىن.
23-كامپۇل ( 68′ كۇبا )
7-كاگاۋا.
11-روس ( 79-تامىستالان )
17-ئاۋبامىياڭ.
فىرەيبۇرگ كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-بۇرگ
25-سۇلگىي.
2-كېلماس ( 84′ خوفۇل )
3-تورىخۇن.
30-كىنتېل.
36-كىلاۋس.
8-فۇرانس.
7-داردا.
17-سىمىد.
18-پىتىرسىن.
16-داللى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved