دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دوكىلاتى: دۇنيادىكى راك بىمارلىرى شىددەت بىلەن كۆپەيدى، راك بىمارلىرىنىڭ كۆپىيىشى جۇڭگودا ئەڭ كۆپ بولدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكىلاتىغا قارىغاندا، 2012-يىلى دۇنيادىكى راك كېسىلى بىمارلىرى ۋە راك بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودىكى بىمارلارنىڭ كۆپىيىش سانى ھەممىدىن يۇقىرى بولغان. جۇڭگودىكى جىگەر، قىزىلئۆڭكەچ، ئاشقازان ۋە ئۆپكە قاتارلىق تۆت خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەممىدىن كۆپ بولغان.
يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان «دۇنيا راك دوكىلاتى» دىن ئايان بولۇشىچە، ئافرىقا، ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ راكنىڭ كەسكىن خىرسىغا دۇچ كەلگەن ئىكەن. 2012-يىلى دۇنيا مىقىياسىدا يېڭىدىن 14 مىلىيون راك بىمارى كۆپەيگەن ۋە سەككىز مىلىيون 200 مىڭ راك بىمارى ئۆلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودا يېڭىدىن كۆپەيگەن راك بىمارى ئۈچ مىلىيون 700 مىڭغا، راك كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئىككى مىلىيون 200 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى راك بىمارلىرى ۋە راك سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ %21.9 ۋە %26.8 نى ئىگەللىگەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكىسىدىكى مەلۇماتلار، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ سىتاتىستىكىسىدىن سەل تۆۋەن بولغان. مەملىكەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى تىزىملاش مەركىزى 2012-يىللىق سىتاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشچە، جۇڭگودا ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپىيىدىغان راك بىمارلىرى ئۈچ مىلىيون 500 مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى راك سەۋەبلىك ئۆلىدىغانلار ئىككى مىلىيون 500 مىڭ ئىكەن.
شۇنداقتىمۇ، جۇڭگو 2012-يىلىدىكى راك كېسىلى يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرەلمىگەن، راك كېسىلى يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئالدىنقى بەش ئورۇندىكى دۆلەت، دانىيە، فرانسىيە، ئاۋىسترالىيە، بىلگىيە ۋە نورۋېگىيە بولغان.
جۇڭگو ھەم راك بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت قاتارىغىمۇ تىزىلمىغان، سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، راك سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بەش دۆلەت موڭغۇلىيە، ۋېنگىرىيە (ھونگېرىيە)، ئەرمىنىيە، سېربىيە ۋە ئۇرۇگۋاي بولغان.
ئۆپكە راكى بارلىق راك كېسەللىكلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئەجەللىك راك بولۇپ، 2012-يىلى بىر مىلىيون 800 مىڭ ئادەم راك كېسىلى بىمارى كۆپەيگەن ۋە بىر مىلىيون 590 مىڭ ئادەم ئۆپكە راكى سەۋەبلىك ئۆلگەن. جۇڭگو بۇ ساننىڭ1/3 قىسىمىنى تەشكىل قىلغان. مۇتەخەسىسلەر، تاماكا چېكىش، ئۇزۇن مۇددەت بۇلغانغان ھاۋادا ياشاش ۋە كەسپ سەۋەبلىك راك پەيدا قىلغۇچى ئېلېمىنتلار بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىق ئامىللار جۇڭگودىكى راك بىمارلىرىنىڭ كۆپىيشىدىك ئاساسلىق سەۋەبلەر ئىكەن.
جۇڭگودىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن باشقا تۈردىكى راك بېمارلىرى دۇنيادا يېڭىدىن كۆپەيگەن راك كېسەللىكىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللىگەن، ئۆلۈش نىسبىتى بولسا پۈتۈن دۇنيادىكى راك بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىدە تۇتقان سالمىقى %51 ۋە %49 غا يەتكەن. 2012-يىلى دۇنيا مىقىياسىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن راك بېمارلىرى ۋە راكقا مۇناسىۋەتلىك كېسەل سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىگىلگەن نىسبىتى %40 تىن ئېشىپ كەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved