جاھان ئاگېنتلىقى 7-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىردا 2013-يىلىدىكى ھەربىي ئىنقلابتىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە قولغا ئېلىنغان بىر نەپەر مۇسۇلمان قېرىنداشلار قوللغۇچىسى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. دۆلەتتە تۇنجى قېتىم ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان كىشىلەر ھەققىدە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.
ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغۇچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «تېرور تەشكىلاتى» دەپ ئىلان قىلىنغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولمىغان مەھمۇد ھەسەن رامىزانغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن تۇنجى قېتىم ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققۇچى كىشى ئۆلتۈرۈلدى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى فايىسبۇك ھىساباتىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەھمۇد ھەسەن رامىزان 2013-يىلى ئىيۇل ئېيىدىكى ھەربى ئۆزگىرىشتىن كېيىن 6-ئىيۇلدا ئىسكەندەرىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە «كىچىك بالىلارنىڭ بىر بىنادىن پەسكە تاشلىنىش» ۋەقەسىگە ئالاقىدار دېيىلىپ سوتقا تارتىلغان ئىدى.
رامىزان ھەققىدە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىغا قارشى ئاقلاش ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ئىدى. مىسىر يېقىندا 28-فېۋرالدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ 4 ئەزاسىغا 2013-يىلى 30-ئىيۇندا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قاھىرەدىكى مەركىزى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن جازا بېرىلگەن ئىدى.
مەھكىمە يەنە مۇسۇلمان قېرىنداشلار رەھبىرى مۇھەممەد بەدىئى، ياردەمچىسى خەيرەت شاتىر، تەكشىلاتنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسدىن مۇھەممەد بىلتاجى، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ سىياسىي پارتىيسى «ئەركىنلىك ۋە ئادالەت پارتىيسى» رەھبىرى سائاد كاتانى ۋە ياردەمچىسى ئەسسام ئەرىيان قاتارلىق 14 كىشىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
مىڭلىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار قوللىغۇچىسى تۈرمىدە
2013-يىلى 3-ئىيۇلدا ئابدۇلفەتتاھ سىسى رەھبەرلىكىدە قىلىنغان ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن مىسىرنىڭ دېموكراتىك يول بىلەن سايلانغان تۇنجى پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى قولغا ئېلىندى ۋە تۈرمىگە تاشلاندى. مۇرسى ئۆزى ھەققىدە قاراپ چىقىلغان نۇرغۇن داۋالار بىلەن سوتلانماقتا.
ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن كوچىغا چىققان نامايىشچىلار بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ قاتتىق مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە نەچچە يۈز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە نەچچە مىڭ كىشى تۈرمىگە تاشلاندى.
مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئۆلۈم جازاسىغا ياكى ئېغىر تۈرمە جازاسىغا مەھكۇم بولدى.
مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن باشلانغان زور دەرىجىدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە رىئايە قىلىنماسلىق مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلگەن نۇرغۇن كشىىلەر ھەتتا مۇخبىرلارمۇ بار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved