ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، يېقىندا، ئاۋىستىرالىيەدىكى نۇرغۇنلىغان ئايال تورداشلار توردا ئەرلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ يۈرۈپ چىملىقنى قىرقىغان رەسىملىرىنى يوللىغان، بۇ رەسىملەر ئاز بولمىغان تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
رەسىملەردە، دادىلار بىر تەرەپتىن چىملىقنى قىرقىغاچ، بىر تەرەپتىن بالىغا قارىغان. بالىلارنى بەزلەپ خۇشال قىلىش ئۈچۈن بۇ دادىلار ھەر خىل ئاماللارنى ئىشقا سالغان. ئەڭ ئاددىي بولغان ئۇسۇل بولسا بالىنى دۈمبىگە ھاپاش قىلىۋېلىش. بولمىسا بالىنى بىر قولدا تۇتۇپ تۇرۇپ چىملىقنى قىرقىش تازا ئەپلەشمەيدۇ. ھاپاش قىلىشنى ياكى كۆتۈرۋېلىشنى خالىمىغان دادىلار بالىنى بىۋاستە چىم قىرقىش ماشىنىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغان. بەزى دادىلارنىڭ كاللىسى بەك ئىشلەپ كەتكەنمۇ قانداق؟ ئوت-چۆپ قىرقىش ماشىنىسىنىڭ كەينىگە ئۆزىلىرى ئىتتىرىش ماشىنىسى ئورناتقان. بۇنىڭغا بالىنى سېلىپ قويغاندا، ناھايىتى راھەت ھالدا ھەم بالىغا قاراپ ھەم چىملىقنى قىرقىغىلى بولىدىكەن.
بۇ رەسىملەرنى كۆرگەندىن كېيىن تورداشلارنىڭ پىكرى ۋە كۆز قاراشلىرى ھەر خىل بولغان. بەزىلىرى بۇ دادىلارنى ناھايىتى مېھرىبان، بالىلىرىنى سۆيىدىغان كىشىلەركەن دېيىشكەن. يەنە بەزىلىرى بولسا بۇنداق قىلغاندا ناھايىتى خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى، بالىلارنى بۇنداق دادىلارغا تاپشۇرۇپ خاتىرجەم بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved