ياپونىيەدىكى كەسپچان ئاياللار ئېرىنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتمىدى. سۈرەتتە ياپونىيە ئاياللىرى.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 7–چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە قانۇنىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن، «ئەر-خوتۇنلار چوقۇم بىر تەرەپنىڭ فامىلىسىنى ئىشلىتىش كېرەك»، بىراق ياپونىيەدە كۆپ ساندىكى، ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغان ئاياللار ئېرىنىڭ فامىلىسىنى ئىشلىتىدۇ. ياپونىيەدە ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆز فامىلىسىدىن ۋاز كېچىشنى خالىماي، ئەر ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىككە ئىنتىلدى. بىر قىسىم كىشىلەر مۇنداق دەپ قارىدى، ئابى شىنزو ھۆكۈمىتى «ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە جانلىنىشى» نى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى، تويدىن كېيىن فامىلىسىنى ئۆزگەرتىش بولسا بىر قىسىم كەسپچان ئاياللارغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى، شۇڭا ياپونىيە ئاياللىرىغا قارىتا ئۆز فامىلىسىنى تاللاش ئەركىنلىكى پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ بولدى.
ياپونىيە 1898–يىلىدىن باشلاپلا ئەر خوتۇنلار چوقۇم بىر تەرەپنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىشى كېرەك دەپ بېكىتكەن. ھازىرغا قەدەر بۇ تۈزۈم ساقلىنىپ كەلدى ھەمدە ياپونىيەنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتى بولۇپ كەلدى.
ياپونىيەدىكى بىر تاراتقۇ 6–چېسلا تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىپ، ياپونىيە ئاياللىرىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ بۇ تۈزۈمنى قوبۇل قىلالمايۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. ئۇلار تاپشۇرۇپ ئالغان 1744 پارچە جاۋاب خەتنىڭ يەتتە ئۈلۈشى ئايال ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن، ئۇلار بۇ جەھەتتىكى ئىسلاھاتقا بەكمۇ تەشنا ئىكەن. 1259 ئادەمنىڭ قارىشىچە، «فامىلە مەسىلىسىنى ئويلاشقان ۋاقىتتا، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ چوقۇم بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك»؛ ئۇلار مۇنداق دېگەن، ئۆز فامىلىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۆزىنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
712 ئادەم مۇنداق دەپ قارىغان، تويدىن كېيىن فامىلىسىنى ئۆزگەرتسە، خىزمەتكە ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. 20 ياشلار چامىسىدىكى تېخى ياتلىق بولمىغان بىر ياپونىيەلىك قىز مۇنداق دېگەن: «توي قىلىش نوپۇسقا ئېلىش بىلەن باراۋەر، چوقۇم ئىسمىنى ئۆزگەرتىش، ئاندىن شىركەتكە مەلۇم قىلىش كېرەك. كەسپىي ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ پايدىسى كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئىسىم-فامىلىسىنى ئىشلەتكەندە، كەلگۈسىدە ناۋادا ئاجرىشىدىغان ئىش بولسىمۇ سىرتقا جاكارلاشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ».
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70–يىللىرىدا، ياپونىيەدە بىر قىسىم ئاياللار ئۆز نىكاھىنى تىزىملاتماسلىق ئارقىلىق بۇ تۈزۈمگە قارشى تۇرغان. 69 ياشلىق بىر ياپونىيەلىك ئايال مۇنداق دېگەن: «مەن 1973–يىل يەنى 23 ياش ۋاقتىمدا ياتلىق بولدۇم، مەن كۆپچىلىككە ئۆز فامىلەمنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى دېگەن ۋاقتىمدا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ماڭا نەسىھەت قىلىشتى، ھەتتا لايىقىممۇ بۇنداق قىلىشىمغا قارشى تۇردى. ئۇ مەندىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئۆينىڭ چوڭ ئوغلى ئىكەن، ناۋادا ئايالى باشقا فامىلە قوللانسا، ئۇ يۇرتداشلىرىغا ئاتا ئانىسىغا جاۋاب بېرەلمەي قالىدىكەن. ئادەتتىكى تۇرمۇشتا، مەن ئۆز فامىلەمنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدىم، بىراق بەزىدە ناھايىتى تەڭلىكتە قالغان چاغلىرىممۇ بولدى، مەسىلەن ئىسىم كارتىسى ئەۋەتكەندە، باشقىلار دائىم مېنى ئاجرىشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ قالىدىكەن».
ياپونىيە ئاياللىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ياپونىيە ئەرلىرى ئەر ئاياللارنىڭ ئوخشاش فامىلە ئىشلىتىشىگە قارىتا بەك كۆپ قارشى پىكىردە بولمىغان. بولۇپمۇ 50 ياشتىن ئاشقان ياپونىيەلىك ئەرلەر مۇنداق دەپ قارىغان: «بۇ ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىسى، پەقەت ئوخشاش بىرلا فامىلىنى ساقلاپ قالغاندا، ئاندىن ئائىلىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ناۋادا ئەر خوتۇنلارنىڭ ئوخشاش فامىلە ئىشلىتىش تۈزۈمى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدىغان بولسا، 100 يىلدىن كېيىن ياپونىيەدىكى ئائىلىۋى تۈزۈمدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن».
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved