دۇنيادىكى بارلىق گۈزەل مەنزىرىلەر شىنجاڭدىكى تەبىئىي شەكىللەنگەن ‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق››قا مۇجەسسەملەنگەنىدى: بوستانلىقتىكى يايلاقلار، ئېگىز چوققىلار، ئويمانلىقلار، دەريالار، كۆللەر، قۇملۇق ۋە باياۋانلار، قارلىق تاغ ۋە مۇزلۇقلار گىرەلەشكەن بۇ زېمىن سارغايغان قەدىمىي كىتابلاردا تەسەۋۋۇر قىلىپ بولمايدىغان رىۋايەت تۈسىنى ئالغانىدى.ھالبۇكى، شىنجاڭ خەلقى 60 يىلدىن بۇيان دۆلەت تېررىتورىيەسىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان پايانسىز زېمىندا يول رىۋايىتىنى يېزىپ چىقتى.
2014 – يىلى 26 – دېكابىر، ئوقسىمان پويىز ياڭراق كۈيىنى ياڭرىتىپ، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن چىقىپ 11 سائەت 54 مىنۇتتا لەنجۇغا يېتىپ باردى، لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ 2 – قوش لىنىيەسى بولغان لەنجۇ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى زىچ تۇتاشتۇردى.
2014 – يىلى 31 – دېكابىر سائەت 24، غۇيۇلداپ كۆتۈرۈلگەن ئايروپىلان بۇلۇتلارنى باغاشلاپ پەرۋاز قىلدى، شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئېلىمىز ئاۋىياتسىيە تارىخىدا 60 يىل بىخەتەر ئۇچۇشتەك يېڭى رېكورت ياراتتى.نەغمە – ناۋا ساداسى ياڭراپ تۇرىدىغان قەدىمىي يىپەك يولىدا يىلان باغرى يوللار بىپايان قۇملۇقتىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئېگىز ۋە تىك چوققىلارنى ئوراپ، مۇزلۇق داۋانلاردىن ھالقىدى...
60 يىلدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىناقلىقنىڭ ئۈزۈلمەس كۈيىنى ياڭرىتىپ، ئۇچقاندەك راۋاجلانغان قاتناش تارىخى كارتىنىسىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلدى. يول ئۇزۇن -ئاپتوموبىل 30 نەچچە كۈندە دىخۇاغا كىردى
1951 – يىلى ھەممە ئىشلار قايتىدىن قولغا ئېلىندى، شۇ يىلى ئەتىيازدا 29 ياشلىق شاڭ شەنتىڭ يۇرتى سەنشى رۈيچېڭدىن شىئەنگە كېلىپ، شىئەندىن يولغا چىقىپ، يۈمېنگۈەندىن ئۆتۈپ غەربكە يول ئالدى.
ئىلگىرى بۇ يولنىڭ شۆھرىتى دۇنياغا تارالغانىدى. شەرق ۋە غەربنىڭ سودا كارۋىنى 2000 يىل مۇقەددەم ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى قەدىمىي يول يىپەك يولىنى ئاچقانىدى.دېڭىزدىكى يىپەك يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا 1000 يىللار داۋاملاشقان ئاۋاتچىلىق كەينىگە يانغان تاشقىن سۈيىدەك بېسىقىپ، بۇ بىپايان زېمىن سۈكۈتكە چۆمدى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شامال ۋە قۇم – بورانلار ئۇنى تالان – تاراج قىلدى.
93 ياشلىق شاڭ شەنتىڭ بوۋاي ئۆتمۈشنى ئەسلىسە ھەسرەت چېكىدۇ...
كۈنسېرى چۆلدەرىگەن، ئۇپۇققا سوزۇلغان بۇ يول ئاپتوموبىلنىڭ ئىزلىرىدىن شەكىللەنگەن، شۇنداقلا شىنجاڭغا كىرىش – چىقىشتىكى بىردىنبىر يول ئىدى.ئەينى چاغدا شىئەندىن يولغا چىققاندا، يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ لاتا كوزۇپىغا 40 ئادەم قىستىلىشىپ ئولتۇردۇق. لەنجۇدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قاقاس تاغلارغا قاراپ سوزۇلغان بىپايان چۆل – جەزىرە ئاساسلىق مەنزىرە ئىدى.ياشلارنىڭ دەسلەپ يولغا چىققاندىكى ھاياجىنى، قىزغىنلىقى بۇ مەنىسىز، قاغجىرىغان قاقاسلىقتا تەدرىجىي سۇسلاشتى.
30 نەچچە كۈندىن كېيىن، يۈك ئاپتوموبىلى ئېگىز – پەس سىلكىنىپ مېڭىپ، ئاخىر تۇمان ۋە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە دىخۇاغا يېتىپ كەلدى.دىخۇا شەھىرىدە تىلغا ئالغۇدەك تۈزۈكرەك يولمۇ يوق ئىدى، كوچىلاردا كۆپ ھاللاردا ئېشەك ھارۋىلىرى ماڭاتتى، ئاپتوموبىل چاقى ئوي – دوڭغۇل يولدا دائىم پاتقاققا پېتىپ قالاتتى...
ئەينى چاغدا شىنجاڭدا تۆمۈريول يوق ئىدى.تۆمۈريولنى شىنجاڭغا تۇتاشتۇرۇش ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى قانچىلىغان ئەزىمەتلەرنىڭ ئارزۇسى ئىدى 。يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى يىراقنى كۆزلەپ، دۆلەتنىڭ مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچى يېتىشمەيۋاتقان ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا، يەنىلا لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە تۇتىشىدىغان تۆمۈريول ياساشنى قارار قىلدى، مانا بۇ لەنجۇ شىنجاڭ تۆمۈريولى لىنىيەسى ئىدى.
1952 – يىلى 1 – ئۆكتەبىر تيەنشۈي – لەنجۇ تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندا، رەئىس ماۋ زېدۇڭ ‹‹تيەنشۈي لەنجۇ تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، داۋاملىق تىرىشىپ لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولىنى ياساڭلار!›› دېگەن بېغىشلىمىنى يېزىپ بەردى، شۇ كۈنى لەنجۇ شىنجاڭ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى باشلاندى.
1959 – يىلى 31 – دېكابىر لەنجۇ شىنجاڭ تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ، تۆمۈريول شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى قۇمۇلغا تۇتاشتۇرۇلدى.
1961 – يىلى 3 – ئايدا رېلىس ياتقۇزۇلۇپ تۇزكۆلگە كەلگەندە ماتېرىيال تۈگەپ، ئىش توختاپ قالدى. تۆمۈريول مىنىستىرلىقى سەككىز تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ قىسمەن كونا رېلىسلىرىنى بۇ جايغا يۆتكىدى، 1962 – يىلى 10 – ئايدا رېلىس ياتقۇزۇش ماشىنىسى گۈرۈلدەپ تۇزكۆلدىن داۋاملىق غەربكە ئىلگىرىلىدى.
1962 – يىلى 28 – دېكابىر تۆمۈر ئەجدىھا ئاخىرى ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىغا كىردى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1895 كىلومېتىر كېلىدىغان لەنجۇ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسى پۈتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ بۆلىكى 766 كىلومېتىر كېلەتتى.
شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا تۆمۈريول بولماسلىق تارىخىغا ئۈزۈل – كېسىل خاتىمە بېرىلدى. سەپەر جاپالىق -‹‹تېز! ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ چاققا بادرا قىستۇرۇڭلار!››خەرىتىگە قارىساق، خوتەن بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقىدا تەڭرىتاغ بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقى بار، تۈز سىزىقتىكى ئارىلىقى 1200 كىلومېتىرلا كېلىدۇ، ئەمما ئىككى جاينى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول تاغ، قۇملۇقتىن ئايلىنىپ، 2000 كىلومېتىرغا سوزۇلغان.
1949 – يىلى ئۈرۈمچىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ قەشقەر ياكى خوتەنگە بېرىش ئۈچۈن بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتەتتى، ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ياكى تۆگىگە مىنىپ بېرىش ئۈچۈن يېرىم يىلچە ۋاقىت كېتەتتى.يولنىڭ تايىنى يوق ئاشۇ زامانلاردا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما دۇنيادىن بىخەۋەر دېگۈدەك ياشايتتى.
شەندۇڭلۇق ۋاڭ جەنلۈن 1963 – يىلى كونا يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كورلىدىن يولغا چىقىدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى يۈك ئاپتوموبىلىنى تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى چەرچەن ناھىيەسىگە ھەيدەپ ئاپىرىش ئىدى.ئاپتوموبىل لوپنۇر ناھىيەسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يول تۈگەپ قالىدۇ، ئەمدىكى بىردىنبىر ئامال چارۋا ماللارنىڭ ئىزىنى بويلاپ مېڭىش ئىدى. ئاپتوموبىل كەڭرى كەتكەن چۆل – باياۋاندا ئۇرۇلۇپ – سوقۇلۇپ ئىلگىرىلەيدۇ، مۇشۇ سۈرئەت بىلەن ماڭغاندا، بىر كۈندە كۆپ بولغاندا 200 نەچچە كىلومېتىر يول يۈرگىلى بولاتتى.
ھازىر كورلىدىن يولغا چىقىپ دۆلەت يولى 218 – لىنىيەسىنى بويلاپ چاقىلىق ناھىيەسىگە قاراپ ماڭسىڭىز، لوپنۇر ناھىيەسى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئۈچ تۈەن – مەيدانىدىن ئۆتۈپ، 284 كىلومېتىرلىق بۆلىكىگە كەلگەندە، يول بويىغا كۆك رەڭلىك بەلگە تاختىسى تىكلەنگەنلىكىنى، بەلگە تاختىسىغا ‹‹خىش يول›› دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈسىز. دۆلەت يولى بويىدىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2.2 كىلومېتىر كېلىدىغان، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشىغا قولايلىق ياراتقان بۇ خىش يول ئاخىرى ‹‹ئارام›› ئېلىشقا چىقتى.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 – ، 60 – يىللىرى بۇ رايوندا كۈچلۈك قۇم – بوران چىقىپ، يول دائىم كۆمۈلۈپ قالاتتى، كىشىلەر ئاپتوموبىللارنىڭ ئىزىنى بويلاپ يول تېپىپ ماڭاتتى.
1966 – يىلى 8 – ئايدا، نەچچە مىڭ كىشىدىن تەركىب تاپقان يول ياسىغۇچىلار قوشۇنى چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى كورلىغا 245 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا قۇمنى كولاپ سۇ چىقىرىپ، ئوتۇن تېرىپ ئوت قالاپ، كېسەك قۇيۇپ خىش پىشۇرۇشقا باشلىدى.خىشلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 22 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 12.5 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 5.5 سانتىمېتىر بولۇپ، ‹‹人›› خېتى شەكلىدە تىزىلىپ، ئارىلىرىغا قۇم تۆكۈلۈپ، چىڭدالدى، ھەر كىلومېتىرغا 600 مىڭ دانە خىش ياتقۇزۇلۇپ، شۇ تەرىقىدە بەش يىل قۇرۇلۇش قىلىندى.
1971 – يىلى 5 – ئايدا ئومۇمىي ئۇزۇقلۇقى 102 كىلومېتىر كېلىدىغان، 62 مىليون دانە خىش ئىشلىتىلگەن، دۇنيادا كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان خىش يول پۈتتى، بۇ خىش يول تاكى 2001 – يىلى دۆلەت يولى 218 – لىنىيەسى ئۆزگەرتىپ ياسالغىچە تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى.خىش يول شىنجاڭنىڭ قاتناش ئىشلىرى تارىخىدىكى مۈشكۈل، ئەمما شانلىق يىللارنىڭ شاھىتى بولۇپ قالدى.
خىش يول يەنە دۇنيا جېننىس رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلۈپ، ‹‹دۇنيا بويىچە خىشتا ياسالغان ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت تاشيولى›› دېگەن نامغا ئېرىشتى.
3. قۇرۇلۇش مۈشكۈل - تەڭرىتاغنى تېشىپ ئۆتۈش، داۋاندىن ھالقىش، قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈششىنجاڭدا 1949 – يىلىغىچە بىر نەچچىلا ئادەتتىكى تاشيول بار بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 3361 كىلومېتىر ئىدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 500 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىگە بىر كىلومېتىر يول توغرا كېلەتتى.يول ياساش مۇقەررەر تاللاشقا ئايلاندى.
1974 – يىلى بېيجىڭدىن خۇش خەۋەر كەلدى: رەئىس ماۋ زېدۇڭ ‹‹تەڭرىتاغنى جانلاندۇرۇش›› چاقىرىقىنى چىقاردى! شۇنىڭ بىلەن مايتاغدىن كۇچاغىچە بولغان تەڭرىتاغ تاشيولىنى ياساشتىن ئىبارەت ئون يىللىق قۇرۇلۇشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.
1974 – يىلى 4 – ئايدا چەكسىز چۆل – باياۋاننى يەنىلا قار – مۇز قاپلاپ تۇراتتى، قوراللىق ساقچى قىسىم كوماندىر – جەڭچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن يول ياساش قوشۇنى ھەيۋەت بىلەن تەڭرىتاغقا كىرىپ، شىمالدا مۇھىم سانائەت شەھىرى مايتاغدىن باشلىنىپ جەنۇبتا قەدىمكى كۈسەن بەگلىكى كۇچاغا تۇتىشىدىغان جەنۇب – شىمال يۆنىلىشىدىكى تەڭرىتاغ دۆلەت مۇداپىئە تاشيولى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.مايتاغ – كۇچا تاشيولى تۆت مۇز داۋاندىن ھالقىپ، ئۈچ تەشمىدىن، تەڭرىتاغدىكى بەش ئاساسلىق دەريا ئېقىنىغا سېلىنغان 65 كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۇچا ناھىيەسىگە تۇتاشتۇرۇلدى.
ئون يىلغا يېقىن سوزۇلغان جاپالىق قۇرۇلۇشتا، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 186 كوماندىر – جەڭچى قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى، نەچچە مىڭ كىشى مېيىپ بولۇپ قالدى، يول ياسىغۇچى كوماندىر – جەڭچىلەر ياشلىق باھارى، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە تەڭرىتاغ تاشيولىنى ياساپ چىقتى.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا، بىپايان شىنجاڭ زېمىنىدا بىرمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يوق ئىدى.پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە تاشيول قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى، جياڭ زېمىن شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: شىنجاڭنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياساش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
1993 – يىلى ئاپتونوم رايون تاشيول قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 2مىليارد 200مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تارىختا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى. شىنجاڭ زېمىنىدا يەنە بىر قېتىم يول ياساش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، بۇ قېتىم شىنجاڭلىقلار نەزەرىنى قۇملۇققا تىكىپ، قۇملۇقتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياساشقا كىرىشتى.‹‹ھالاكەت دېڭىزى›› دەپ نام ئالغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 520 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان، بۈگۈر ناھىيەسىدىن نىيە ناھىيەسىگىچە بولغان قۇملۇق تاشيولىدا 1995 – يىلى قاتناش باشلىنىپ، خوتەندىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان مۇساپە 500 كىلومېتىر قىسقاردى.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved