سۇرىيەدىكى خىمىيىلىك قورال ھۇجۇمى ۋەقەسىگە بىر يىل بولغان پەيتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 21-ئاۋغۇست باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇرىيە توقۇنۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بىر يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە سۇرىيەنىڭ دەمەشقتە خىمىيىلىك قورال ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، بان كىمون زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن يەنە بىر قېتىم سەمىمىي ھال سورىدى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بان كىمون مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دەرھال ئىتتىپاقلىشىپ، ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان ھەمدە پۈتكۈل رايوننىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بۇ توقۇنۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتى بار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved