شىنخۇا تورىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
گوللاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 23-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن، گوللاندىيە تۈركىيە ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنى ۋاقىتلىق تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى.
گوللاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 23-مارت ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى سۈپىتىدە 23-مارت كونسۇلخانىدىكى 40 نەچچە ئادەمنىڭ ھەممىسى چېكىنگەن، ئۇلارنىڭ خىزمىتى باشقا نۇقتىلاردا داۋاملىشىشى مۇمكىن. دوكلاتتا تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ ماھىيىتى ھەمدە كونكرېت ئۇچۇرى ئاشكارىلانمىغان.
گوللاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بىرلا ۋاقىتتا تۈركىيەدىكى گوللاندىيە پۇقرالىرىنى تۈركىيەدىكى گوللاندىيە كونسۇلخانىسىغا ھەمدە يېقىن ئەتراپدىكى جايلارغا بېرىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى.
گوللاندىيەنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئىستانبۇل شەھەر مەركىزىدىكى ئاۋات مۇستەقىللىق كوچىسىغا جايلاشقان. 3-ئاينىڭ 19-كۈنى بۇ كوچىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ھۇجۇمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا 5 ئادەم ئۆلۈپ، 36 ئادەم يارىدار بولغان ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھۇجۇم قىلغۇچىنى ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved