ياۋروئاسىيا تور بېتىنىڭ 24-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:
2015-يىلى ئۆزبېكىستاندا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 554 مىڭ كۆپەيدى. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ نوپۇسى 31 مىليون 576 مىڭ 400 ئادەمگە يەتتى. بۇ ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا كومىتېتىنىڭ ئورگان تور بېتى ئېلان قىلغان سان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ نوپۇسى 553 مىڭ 900 ئادەم كۆپەيگەن، كۆپىيىش نىسبىتى %1.8 بولغان.
ئۆزبېكىستاننىڭ شەھەر نوپۇسى 15 مىليون 964 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %50.6نى ئىگىلىگەن؛ يېزا نوپۇسى 15 مىليون 612 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %49.4نى ئىگىلىگەن.
2015-يىلى ئۆزبېكىستاندا 735 مىڭ 800 بوۋاق تۇغۇلغان، 2014-يىلغا قارىغاندا 17 مىڭ 800 كۆپ بولغان. 2015-يىلى ئۆلگەن بوۋاقلار 152 مىڭ 900 بولۇپ، 2014-يىلغا قارىغاندا 3100 كۆپ بولغان.
نوپۇسنىڭ ئۆلۈش سەۋەبلىرىدە قان ئايلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى %58.9نى، ئۆسمە %8.6نى، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كېسەللىرى %5.9نى، نەپەس يولى كېسەللىرى %5.4نى، ۋەقە، زەھەرلىنىش ۋە سىرتقى جاراھەتتە ئۆلگەنلەر %6.6نى ئىگىلىگەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved