قۇتقۇزغۇچى خادىملار سۇغا غەرق بولغان ئاپتوبۇسنى سۈزۈۋالماقتا
كورىيەنىڭ پورت شەھىرى بولغان پۇسان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كيوڭساڭ نامدو قاتارلىق جايلاردا 25-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ئەڭ كۆپ ھۆل-يىغىن مىقدارى سائىتىگە 130 مىللىمېتىرغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە چاڭۋون شەھىرىدە ياغقان يامغۇرنىڭ مىقدارى 270.5 مىللىمېتىرغا يەتكەن. قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن، نۇرغۇنلىغان ئۆي ۋە ئاپتوموبىللار سۇغا غەرق بولغان. تۆمۈريولدا قاتناش توختىتىلغاندىن باشقا، بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىمۇ ئىشتىن توختىغان. كورىيە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋازارىتىنىڭ 26-ئاۋغۇست ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى يامغۇر بەش ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، بەش ئادەم يوقاپ كەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved