يۇقىرى قان بېسىمنى ئائىلىدە داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى

يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكى ۋە كىسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا : روھى كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەش ،غەم-ئەندىشىلەردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇش. قەۋزىيەت بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش.. قان بېسىمى بەك ئۆرلەپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا جىسمانىي ئەمگەك ،يىنىك تەنتەربىيە مەشغۇلاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش،كۆپرەك پىيادە يول يۈرۈش،بەدەننى چېنىقتۇرۇش لازىم. ئىشلەش ،دەم ئېلىش ،تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇش. يىتەرلىك دەرجىدە ئۇخلاش ۋە مۇۋاپىق كۆڭۈل ئېچىش لازىم . بەك ياغلىق ،مايدا قورۇلغان تاماقلاردىن مۇۋاپىق دەرجىدە پەرھىز تۇتۇش. بەدەندە يىغىلىپ قالمايدىغان، ئاسان ھەزىم بۇلىدىغان ،قاننى قۇيۇقلاشتۇرمايدىغان غىزالارنى ئىستىمال قىلىش لازىم.. ھاراق ئىچمەسلىك ، تاماكا چەكمەسلىك، تۇزنى ئازراق ئىستىمال قىلىش لازىم.مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ،قىش كۈنلىرى بولسا قۇرۇتۇلغان مېۋىلىرى بولسىمۇ بۇلىدۇ . دورىلاردىن ۋە يىمەكلىكلەردىن قاننى سۇۋۇتىدىغان ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدىغان ، روھنى كۈچلەندۈرىدىغان دورا ۋە يىمەكلىكلەرنى يىيىش.يۇقىرى قان بىسىم بىمارلىرى ئائىلىدە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قىلىپ بەرسە بولىدۇ.


تاۋۇز ياكى تاۋۇز سۈيىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ .ئوبدان پىشقان قۇغۇننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


ھەر كۈنى تاۋۇز ئۇرۇقىنىڭ مېغىزىنى بەش گىرام ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


زىرىقنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


يۇمغاقسۇتنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


كۆممىقۇناقنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


مۇۋاپىق مىقداردا كالا سۈتى ئىستىمال قىلىپ بەرسە ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


ئاچچىق ئانار سۇيى بىلەن شىكەردە شەربەت تەييارلاپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


ئاق تۇرۇپنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ دائىم ئىچىپ بەرسە ،، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


مۇۋاپىق مىقداردا پىدىگەن ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


مۇۋاپىق مىقداردا قىزىلچا ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


شوخلىنى كۈندە 1-2 دانە يەپ بەرسە ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


ئۆرۈك غۇرىسىدا مۇراببا تەييارلاپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


ئامۇتنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


شاتۇتنى سىقىپ ،شىكەر بىلەن قىيام قىلىپ ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


كونا سۈگەت پۇرىنى قاينىتىپ كۈندە بىر پىيالىدىن ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


كۆممۇ قۇناق ساقىلىنى دەملەپ كۈندە بىر پىيالىدىن ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ


ئاپتاپپەرەس يۇپۇرمىقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.


ھەسەلنى ئالتە ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ كۇندە ئەتتىگەندە ئىچىپ بەرسە ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.

 


ئاسىيالىقلاردا تۇز تەسىرىدىن پەيدا بولغان يۇقىرى قان بېسىمى %50-%70 نى ئىگىلەيدۇ. كېسەل كۆرۈلۈش يېشى جەھەتتىمۇ ياۋروپا، ئامېرىكىلىقلاردىن ئىلگىرى. شۇڭا تۇزغا قاتتىق چەك قويۇش يەنى كۈنلۈكى قوبۇل قىلىنغان تۇز مىقدارى يەش گىرامدىن تۆۋەن (بىر پىۋا شىشىسى ئېغىزىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك) تىزگىنلىشى كېرەك.


تاماكا: تاماكا چەككەندە يۇقىرى قان بېسىمنى پەيدا قىلىپلا قالماي، كۆپ خىل راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماكا تاشلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش-كەسپىي تاماكا تاشلاش ئامبۇلاتورىيەسىدە داۋالىنىش.ئىچىملىك سۇ ۋە يېمەكلىك: يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكنى تىزگىنلەش. بۇ تاماقنى تېجەش نۇقتىسىدىن بولماستىن، بەلكى ئىسسىقلىق مىقدارىنى كونترول قىلىش، يەنى ئەمەلىي خوراتقان ئىسسىقلىق مىقدارىغا ئاساسەن تەڭشەش، مېۋە، كۆكتات ۋە ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى 10:3 ئەتراپىدا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.


چېنىقىش: تەتقىقات نەتىجىسى ھەپتىسىگە چېنىققان ۋاقتى بەش كۈن، كۈنلۈكى 30 مىنۇت بولسا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بولۇپمۇ 50 ياشتىن تۆۋەن يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى ھاۋالىق جايدا چېنىقىپ بەرسە بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بولىدۇ.


يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت-رايۇنلاردىكى ۋە ئوخشىمىغان مىللەت ۋە ئىرقلار ئارىسىدىكى تارقىلىشى بىردەك ئەمەس،تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىغاندا كۆپ، دىڭىز بويى رايۇنلىرىدا ئىچكى قۇرۇقلۇققا قارىغاندا كۆپ،ئامېرىكىلىق قارا تەنلىكلەردە ئاق تەنلىكلەرگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ،تۇزنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان مىللەتلەردە ئاز ئىستىمال قىلىدىغانلاردىن كۆپ.


دۆلىتىمىزنىڭ 2002-يىللىق ساغلاملىق ۋە ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى سىتاتىسكا قىلغاندا 18 ياشتىن يۇقۇرى چوڭلارنىڭ يۇقۇرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش نىسبەتى %18.8 بولغان بولۇپ،دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 160 مىليوندىن ئارتۇق يۇقۇرى قان بىسىم بىمارى بار ئىكەن ،بۇلاردىن قان بىسمى يۇقۇرى ئىكەنلكىىنى بىلىىدىغانلار ئاران %50 ،داۋاملىق دورابىلەن داۋالانغانلار %10 ، قان بېسىمى كونتىرۇل قىلىنغانلار %6 ئىكەن، دىمەك %90 دىن ئارتۇق ئادەم داۋاملىق دورا بىلەن داۋالانمايدىكەن.

يۇرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى ھازىرقى زامانىۋىي جەمىيەتتە ئۆلۈمنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى سەۋەپ بولۇپ،يۇقۇرى قان بېسىم كىسىلى يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىلرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. يۇقۇرى قان بېسىمىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بولغان سەكتە ( مېڭە قاناش،مېڭە قان –تۇمۇرى تۇسۇلۇشتىن پالەچ بولۇش ) ھازىر كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەردىن بولۇپ قالماقتا،يۇقۇرى قان بېسىمىغا ئەگىشىپ كەلگەن تاجسىمان يۈرەك كېسىلىدىكى يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلگۈچىلەر بارلىق يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئۆلۈش نىسبىتى %50-70 بولماقتا،يۇقۇرى قان بىسىمىدىن مىڭە قاناش بۇلۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن تاجسىمان يۈرەك كېسىلىدىن يۇرەك مۇسكۇلى تېقىلمىسى بۇلۇپ ئۆلگۇچىلەرنىڭ ئۆلۇم سەۋەبى ئىچىدىكى نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بۇلۇپ ، ئۆلۈمنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى سەۋەپ بولۇپ قالدى،نۆۋەتتە كەڭ تارقالغان قەنت سىيىش كېسىلىمۇ يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىدا يۈزبىرىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقۇرى.مىڭە قان تۇمۇرلىرى قېتىشىش،ھامىلدارلىقتىكى يۇقۇرى قان بېسىمى ( ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى)،يۈرەك زەئىپلىششىش، بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلارمۇ يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىدا دائىم كۆرىلىدىغان ئەگەشمە كىسەللەردۇر.

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
25-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
       زەنجىۋىل كىشىلەرگە تونۇشلۇق ئېسىل تەم تەڭشىگۈچ خۇرۇچ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى يېمەكلىك قاتارىدا ئىشلىتىشتىن باشقا، يەنە دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دورا تەتقىقاتىدا زەنجىۋىلنى قاينىتىپ ي...
12-05-2016
     ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتا-ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى 10 خىل ھەرىكىتى بالىلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن.  1....
10-05-2016
    زامانىۋى پەن-تېخنىكا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، تېلىۋىزور،DVD، كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن قاتارلىقلار تېز سۈرئەتتە ئۇمۇملىشىپ، تۇرۇمۇشىمزغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، ھەتتا بۇ ئۈسكۈنىلەر بىزنىڭ ئەڭ يېقىن...
10-05-2016
     نېرۋا مۇتەخەسسىسى يې جىڭ يېقىندا بىر يىل بۇرۇن بوكس مەشىقىدە مېڭىسى قاتتىق زەخمىلىنىپ باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان، ئەمما يېرىم يىلدىن كېيىن ئېغىر تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئاغرىقنى مىسال...
09-05-2016
    ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.     ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
09-05-2016
    بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ناھايىتى خۇشال بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ھەتتا دادىنىڭ ئۆز قولى بىلەن بوۋاقنىڭ ھاياتىغا «لېنتا كېسىشى» ئۈچۈن، كىندىك كېسىش ئىشىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. لېكىن بىر دادا بار بول...
08-05-2016
    بىر يىل ئەھۋال ئىگىلەش ۋە تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشنى سىناق قىلىش خىزمىتى تۈنۈگۈن باشلاندى، بۇ ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ھەقلىق ...
08-05-2016
     1. كالپۇك ئىششىش ۋە چىڭقىلىش. بۇ رىئاكسىيە قىلغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۆز ياشاڭغىراش، بەدەن قىچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنى لەۋسۇرۇخ ۋە يىمەكلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئىششىش ئ...
07-05-2016
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا سۇيى كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. كۆپلىگەن ئادەم سودا سۈيىنى مىنېرال سۇدىن كۆپ پايدىلىق، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاس...
05-05-2016
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى (1984–يىل 9–ئاينىڭ 20–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001–يىل 2–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلى...
Powered by Leglek